سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇن جەھەتتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ھوقۇقى بار

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئېنىقلاش ئىنتايىن قېيىن بولماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى يورۇتۇشقا ئىنتىلگەن چەتئەللىك ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى يەرلىك ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى مۇستەقىل ئۆگىنىشىنى چەكلەپ، پەقەت ھۆكۈمەت تەركىپىدىكى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ رەسمىي خەۋەرلىرىنىلا تەكرار ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئەينى كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ، ۋەقە «تېررورلۇق ھەرىكەت»تىن كېلىپ چىققان دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.