پاكىستانلىققا تەككەن ئاسىيە كېرىمنىڭ بالىلىرىمۇ كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان

0:00 / 0:00

نىكاھ ھاياتىدا بېسىلغان خاتا قەدەمنىڭ بەدىلىنى ھەممىدىن بەكرەك بالىلار تۆلەيدىغانلىقى پاكىستانلىققا تەككەن ئاسىيە كېرىمنىڭ ئائىلە ھاياتىدىمۇ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن.

پاكىستاندىكى ئاسىيە كېرىم ياتلىق بولغان مەزكۇر ئائىلىنىڭ چوڭ قورۇسىدا 20 نەچچە نەۋرە ئۆز-ئارا كۈلۈشۈپ-چېلىشىپ ئويناۋاتقىنىدا، بۇلارنىڭ قاتارىدىكى ئانىسى ئۇيغۇر بولغان 4 نەۋرە كۆپ چاغلاردا چەتتە بوينىنى قىسىپ تۇرغان، بۇلار ئارىلاپ ئويۇنلارغا قېتىلغان چاغلىرىدا باشقا نەۋرىلەرنىڭ يات كۆرۈش ۋە يەكلەش شەكلىدىكى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان؛ ھەتتا يېقىندا بىرى بىر قېتىم پاكىستانلىق نەۋرىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغان چېغىدا تاغىسىدىن تاياق يېگەن.

ئائىلىدىكى پاكىستانلىق نەۋرىلەر ئوقۇتۇشى ياخشى بولغان خۇسۇسى مەكتەپلەرگە بېرىلگەن بولسا، ئۇيغۇر نەۋرىلەر ئوقۇتۇشى ناچار ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن. مانا بۇ ئەھۋال ئاسىيە كېرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا تېلېفون قىلىشى ۋە يۇرتىغا كېتىشنى تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

بۇ ئەھۋالنى، ئاسىيە كېرىمنىڭ 19 ياشلىق قىزى ھەلىمەنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.