14-مارت فىرانسىيەنىڭ مەركىزى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 56 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي ئاڭلىتىش بېرىلگەن.
تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش نامايىشىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. نامايىش ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدا ئېيفىل مۇنارى ئەتراپىدىكى مەيداندىن باشلىنىپ، كەچ سائەت ئالتىدە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىزمەت بىناسىغا يېقىن بىر جايدىكى مەيداندا ئاخىرلاشقان. نامايىشقا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭاي، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم ئەربابلار شۇنداقلا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي دېموكراتچىلىرى، ۋىيېتنام قاتارلىقلارنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان. نامايىشقا تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىشى قاتناشقان.
بىز مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، نامايىشتىن كېيىن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.