پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ يەكەن قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى پارىژ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يەكەندە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتىگە شۇ جايدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، فرانسۇزلار، ۋىيېتناملىقلار قاتناشقان.

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن سائەت بەش يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت، مۇئاۋىن رەئىسى نەسىردىن، سىياسىي ئاكتىپلاردىن تۇرسۇنجان ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم فرانسۇزلار ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە بەزى بىر ئۇچۇرلارنى بەردى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.