6-دېكابىر فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
نامايىش پارىژ شەھىرىدىكى ئېيفىل مۇنارى ئەتراپىدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان.
نامايىشتا فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، خىتاي تۈرمىسىگە مۇددەتسىز قامالغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىسىدا توختالغان.
نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان.
ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت، مۇئاۋىن رەئىسى نەسىردىن ۋە شۇنداقلا نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن رىزۋانگۈل قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.