10-دېكابىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق نامايىشتا ئۇيغۇرلارمۇ سۆز قىلدى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق بۇ نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇنلانغان بولۇپ، نامايىشتا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.
نامايىشنى پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
نامايىش پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 8 گە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، نامايىشقا تەخمىنەن 150 يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان.
بىز مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.