خىتاي ساقچىلىرىدىن بىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا رابىخان مۇسا ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پاسپورتى ھەققىدە شىكايەت قىلىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭ پاسپورت ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رابىخان ئانا مەزكۇر ساقچىغا 5 كۈن سۈرۈك بەرگەن. يەنى 5 كۈنگىچە ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە 5 كۈن ئىچىدە پاسپورتى قولىغا تەگمىسە زىيارەتنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سۈرۈككە ماقۇل بولغان ساقچى خادىمى بۈگۈن نەق 5 كۈن تولغان بولسىمۇ رابىخان ئانىغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. نەتىجىدە رابىخان ئانا بۈگۈن زىيارىتىمىزنى تەكرار قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
رابىخان ئانا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا بالىسى ۋە نەۋرىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرىۋاتقان شىكايەت ۋە باياناتلىرىنى پاسپورتى قولىغا تەگمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاخىرقى نەپىسىگە قەدەر توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بالىسى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىر ھەپتە ھەمداستىخان بولۇشتىن باشقا چوڭ بىر تەلىمى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن رابىخان ئانا، 8 ئايدىن بېرى يولۇققان ھەقسىزلىك ۋە زوراۋانلىق سەۋەبىدىن سالامەتلىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ھاياتىغا بىر قازا كېلىپ قالسا، خىتاينىڭ بۆرتالادىكى ساقچىلىرىنىپ قاتىل دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00