خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇ ئورگانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا پاسپورت ئېلىپ، ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان ئالاھازەل 14 مىليون كىشى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى يەنىلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر تەشكىل قىلىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتنى كىشىلەرنى ئەدەپلەيدىغان «سىياسىي توقماق» قا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان بىر ئىش. ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشقى دۇنيادىن چەتتە قالغان خىتاي پۇقرالىرى ھازىر ھەدەپ سىرتقا يۈزلەنمەكتە. ئەلۋەتتە، ئاساسىي قانۇنلار بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئىلگىرىكىدىن نۇرغۇن ئاسانلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇلاي شارائىتنى خىتايدىكى بارلىق پۇقرالار ئۈچۈن ئوخشاش مەۋجۇت دېيىش مۇمكىن ئەمەس.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي پاسپورتنى سىياسىي توقماققا ئايلاندۇرۇۋالدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش سانى 83 مىليون قېتىمغا يېتىپ، يىلدىن-يىلغا ئۆرلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ساياھەت قىلىشتىن مەھرۇم قالغانلارنىڭمۇ سانى ئاز ئەمەس. ھۆكۈمەت گەرچە پاسپورت بېرىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېنىق ئېلان قىلمىسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدا ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ ئاز دېگەندە 14 مىليون كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورت ئارقىلىق جازالاش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى بارغانسېرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەقەت پاسپورت چىقىرىپ بەرمەسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. پاسپورتنى ۋاقتىدا ئۇزارتىپ بەرمەسلىك ۋە قانۇنلۇق پاسپورتى بار تۇرۇپ چېگرادىن قايتۇرۇۋېتىشتەك ئەھۋاللارمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي سىياسىي ئاكتىپلار ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان ئەھۋال. دەرۋەقە تېخى يېقىندىلا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارماقچى بولۇپ يولغا چىققاندا، قولىدا قانۇنلۇق پاسپورتى بار تۇرۇقلۇق بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنغان ۋە ئايرودرومدا 12 سائەت توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى توختىتىپ قويۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئون يىل خىتاي پۇقرالىرى چەتئەلگە چىقىشتىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، ئەمما 1980-يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىشقا باشلىغان. 1991-يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بەلگىلىك دۆلەتلەرگە، ئامېرىكىغا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ساياھەتكە چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە 15 كۈندە پاسپورتنى تولۇق بېجىرىپ بېرىشنى يولغا قويغان. ئەمما نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:
بۇ يېڭى سىياسەت ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە كەلگەندە قاتمۇ-قات مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار چوقۇم ئوخشىمىغان دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن خەت ئېلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن رۇخسەت چىقىرىشى، يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىن خەت ئېلىشى، ئەگەر ئوقۇغۇچى بولسا مەكتەپتىن رۇخسەت قەغىزى ئېلىشى كېرەك. 2005-يىلىدىن بېرى پاسپورت ئالالمايۋاتقان تىبەت يازغۇچىسى سېرىڭ ۋۇسېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇلار بىزنىڭ چەتئەلگە چىققاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى بېسىم سىياسىتىنى سۆزلىشىمىزدىن ياكى چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا ئارىلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، خىتايلار ئۈچۈن پاسپورت ئېلىش ئاپتوبۇس بېلىتى ئالغانچىلىك ئىش، ئەمما باشقىلار ئۈچۈن بولسا ئەرشكە چىقىشتىنمۇ تەس، دېدى.
ماقالىنىڭ ئاپتورى ئانجۇ جەيكوب يېقىندا پاسپورت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز نارازىلىقىنى خىتاي تور بەتلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق تونۇلغان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزىنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئاتىكەم روزى مۇخبىرغا «قاچان پاسپورت مەسىلىسى يادىمغا كەلسە يىغلايمەن. چۈنكى مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بەربات بولدى» دېگەن ۋە پاسپورت مەسىلىسىنىڭ تېخىچە ھەل بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئاتىكەم روزىنى 6 سائەت سوراق قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاتىكەم روزىغا ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن «سىياسىي ئۆلچەم» گە توشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. چۈنكى دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاتىكەم روزى تور بەتكە چىقىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن قويغان سىياسىي ئۆلچىمىگە توشمىغان.
كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «پاسپورتنى سىياسىي توقماققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرنى ئەدەپلەش» دەپ ئەيىبلىمەكتە. ھازىر ئامېرىكىدىكى ياشايدىغان خىتاي پائالىيەتچى خۇ پىڭ ئەپەندى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى مىساللاردىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە سىرتتا سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ئۆزىگە ئوخشاش شەخسلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشىگە يول قويماسلىق ئارقىلىق جازالىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى» دېگەن.
1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەتمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۆركەش دۆلەت ئالدىنقى يىلى يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا خىتاي رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تولىمۇ ۋەھشىي ۋە زالىملارچە بىر ۋاسىتە» دېگەن ئىدى.