دائىرىلەر پاتىگۈل غۇلامنىڭ پار پۇلىنى تۆلەپ بەردى، ئەمما مۇخبىر بىلەن سۆزلەشمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

غايىب ئوغلىنى ئىزدەش بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ پار پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن پاتىگۈل غۇلام ئۆتكەن ھەپتە سوتقا چاقىرتىلغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ قېتىم پاتىگۈلنىڭ پار پۇلىنى تۆلىۋەتكەن ھەم ئۇنىڭ بانكىدىن ئالالمايۋاتقان 5000 سوم پۇلىنى ئېلىپ بەرگەن.

ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە پاتىگۈلدىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. پاتىگۈل بولسا، يۈرىكىدىكى جاراھەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن شىپا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غايىب ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغىچە مۇخبىر بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالاقىدار ئاھالىلەر كومىتېتى مەسئۇللىرى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا پاتىگۈل بىلەن كۆرۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۆلىيەلمەي قالغان 9000 سوم پار پۇلىنى تولىۋەتكەن ۋە ئۇ بانكىدىن ئالالمايۋاتقان 5000 سوم ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ بەرگەن. ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندە ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى پاتىگۈلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى، ئۇنداق بولمىغاندا، پاتىگۈلگە قىلىنىۋاتقان « ياخشىلىقلار » نىڭ توختاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاتىگۈل ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق ياردەم كۈتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت غايىب ئوغلىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلىشىنى، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ھەرقانداق « ياخشىلىق »نىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتكە شىپا بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن ساقچىلار، ئەگەر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تەھدىت سالغان.

بۇ توغرىدا ساقچىلار بىلەن پاتىگۈل ئارىسىدا تۆۋەندىكىچە دىئالوگ داۋام قىلغان:
ساقچىلار: يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ مەسىلىڭىز خەلقئارادا بەك غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋېتىپتۇ، ئەمدى دىققەت قىلىڭ. بىز بۇ گەپنى يەتكۈزۈپ قويغىلى كەلدۇق.
پاتىگۈل: ئەجەب ياخشى بوپتۇ، قېنى قايسى گېپىم قەيەردە، قانداق ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ؟

ساقچىلار: سىز ھېلىقى مۇخبىر بىلەن يەنە سۆزلىشىۋاتامسىز؟
پاتىگۈل: شۇنداق سۆزلىشىۋاتىمەن. ئەمىسە بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەر، مەن ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشمەيمەن.

ساقچىلار: ئۇ دېگەن بىر تېررورچى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولمايدۇ، كۆرۈشمەسلىكىڭىز كېرەك.
پاتىگۈل: تېررورچى بولسا نېمىشقا تۇتمىدىڭلار، قۇدرەتلىك دۆلەتتىڭلارغۇ؟

ساقچىلار: دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا كېلىشىملەر بار، چېكىدىن ئاشسا ئۇنىمۇ تۇتىمىز.
پاتىگۈل: ئەمىسە سەن دەپ باق، مەن نېمە دەپ جاۋاب بېرەي؟ ئىماممەمەت دېگەن بالاڭ غايىب بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇچۇرى بارمۇ دېسە، ياق، مەن ئۇنداق بالىنى تۇغمىغان، ئۇنداق بالا مەۋجۇت ئەمەس دەيمەنمۇ؟ نېمە دەيمەن؟

ساقچىلار: قانداق جاۋاب بېرىشنى بىز بىلمەيمىز.
پاتىگۈل: ئۇنداق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ كىملىكى، نەدىلىكى بىلەن چاتىقىم يوق، بالامنىڭ ئىز-دېرىكى چىققۇچە سۆزلىشىمەن. دەپ قويۇش سەن خەقنى ئەۋەتكەنلەرگە: مېنى ئېتىۋەتسۇن، بالىسىنى ئىزدىگەن ئانىنى ئاتىمىز دەپ ئۈرۈمچىدە سازايى قىلىپ ئېتىۋەتسۇن، شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن بالىسىنى ئىزدىمەيدۇ؟ سەن خەقمۇ ئۇيغۇركەنسەن، سەن خەقنىڭمۇ بالىسىنى يەيدۇ بۇ يىرتقۇچلار، سەن خەقمۇ ئىزدىمەيدىغان بولۇشىسەن.

پاتىگۈل يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، ئۆيىگە كەلگەن 4 ساقچىنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە بالىسىنىڭ ئۇچۇرى بولمىغان ئەھۋالدا قايتا كەلمەسلىكىنى ئېيتقان.

پاتىگۈل يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى مۇخبىرغا بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاخبارات بىلەن ئالاقىلىشىشتىن بۇرۇن ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىنى، ھەتتا ئەرز-شىكايەتلىرىگە ھېچكىمنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقىنى؛ شۇڭا بالىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن بالىسىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلمىگۈچە، ھەرقانداق ئاخبارات ئورگىنى ۋە ھەرقانداق قىزىققۇچىغا بالىسىنىڭ پاجىئەسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.