3-ماي ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسىنىڭ كاۋاگۇچى شەھىرىدە چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇل خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، باش شتابى شىۋېتسىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيەسى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى كاۋاگۇچى شەھىرىدە چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇللارنىڭ ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى قارشىلىق كۈرەشلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 5-ئىيۇل غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان.
يىغىنغا شىۋېتسىيەدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى دولۇكىن، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى باتۇر، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە ياپونىيەدىن بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.
يىغىنغا ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى سىبايىر رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئاساسەن نۆۋەتتە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە موڭغۇل خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلاتلار، جەنۇبىي موڭغۇللارنىڭ ۋەتىنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە تۈرلۈك ماقالىلەر ئوقۇلغان.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى سىبايىر يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان جەنۇبىي موڭغۇلنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۇ قېتىم يەنە ياپونىيەدە چاقىرىلدى. بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرىمۇ ياپونىيەدە ئېچىلغان ئىدى. يىغىننىڭ ياپونىيەدە ئېچىلىشىدىكى سەۋەب ياپونىيەدە جەنۇبىي موڭغۇلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ۋە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، ياپونىيەدە جەنۇبىي موڭغۇل ھەققىدە ئوخشىمىغان تېمىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارمۇ كۆپ. شۇڭا يىغىننىڭ ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى خەلقىمىزگە بولغان تەسىرىنى ئويلاپ ياپونىيەدە يىغىن چاقىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق» دېدى.
ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىندا جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان موڭغۇل خەلقىنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.
يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيەسى چاقىرغان بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇ، 5-ئىيۇل غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ئوغلىنى ئىزدەش يولىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2014-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ۋە يېقىندا تۈرمىدە مەخپىي سوت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتقان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دولۇكىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «تەشكىلاتىمىز ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار تەقدىرداش خەلقلەردۇر» دېدى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشتا كۆپ پايدىلىق ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، يىغىندا ياپونىيەلىك تارىخچى كوتاكې مىللىي كىملىكنى ساقلاش توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇ ماقالىسىدە، بىر مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاشتا ئاساسلىقى تىلى، دىنى ۋە تارىخىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
كاۋاگۇچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇللارنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت ئون ئىككىدىن كەچ سائەت ئالتىگە قەدەر داۋام قىلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.