تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى پەرھاتجان غوپۇرنىڭ ۋاقىتلىق «خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى» نى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.11
perhatjan-ghopur-01.jpg تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پەرھاتجان غوپۇرنىڭ خىتاي پاسپورتى.
RFA/Gulchehre

مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، ھەتتا مىللىي كىملىك مەۋجۇتلۇقىمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈتتە تۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى مەيۈسلەندۈرمەكتە. ئەمما تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر 30‏-دېكابىر كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە كىرىشكە يول قويۇلغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىگە بىرئاز مەلھەم بولغان ئىدى.

ھالبۇكى، يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن ئەنسىزلىككە سالماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە سانىيە ئىسىملىك ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، سانىيەنىڭ 4 ياش ۋە 2 يېرىم ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ ئاتىسى، 38 ياشلىق يولدىشى پەرھاتجان غوپۇرنى شۇ جاي ۋاقتى-2018يىلى-12-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا قوراللىق باستۇرۇپ كىرگەن تۈرك ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. دەسلەپ سافاكۆي ساقچىخانىسىغا سولانغان پەرھاتجان-1 ئاينىڭ-3 كۈنى چاناققەلئەدىكى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكىگەن.

ئېرىنىڭ پۈتۈنلەي گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە، ئۇقۇشماسلىق بولغىنىغا ئىشىنىدىغان سانىيە ئېرى تۇتقۇن قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئادۋوكات تۇتقان بولۇپ، ئېرىنى قويۇپ بېرىش ۋە خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئەرز قىلغان ئىكەن.

سانىيە ئېرى ھەققىدە مەھكىمىگە سۇنغان ئەرزىنىڭ-1ئاينىڭ-4 كۈنى سۈلھى مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا قارارنامىنى قولىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سانىيە ۋە ئۇنىڭ ئېرى پەرھاتجان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم تۈرك ساقچىلىرىنىڭ بۇنداق قاتتىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشى ئىكەن. سانىيە يەنە ئېرى بىلەن ئوخشاش كۈندە تۇتۇلغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان. 

بىز تۈركىيەدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ قانچىلىكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن چاناققەلئە ۋە ئىستانبۇلدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى شۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق.

سانىيەنىڭ ئادۋوكاتى مەلەك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ساقچىلارنىڭ پەرھاتجاننى «تېررور» گۇمانى بىلەن تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلەك خانىم ئىككىنچى قېتىم، يەنى-9 يانۋار، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە سۇنغان پەرھاتجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ئەرزىگە بۈگۈن، يەنى-10 يانۋار جاۋاب ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى بۈگۈن دەسلەپكى قارارىنى قولىمىزغا بەردى، قاراردا پەرھاتجان ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان زەربىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرچە خىتايغا قايتۇرۇلماسلىق قارارى ئېلىنىپتۇ. ئەمما قويۇپ بېرىلىش تەلىپىمىز رەت قىلىنىپتۇ. بۇ ھەقتە ئەيىبلەشلەرگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دېلوغا قاراپ چىقىپ سوت نەتىجىسى ئارقىلىق قارار بېرىلىدىكەن. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر پەرھاتجاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئىكەن. شۇڭا ھازىرقى دەۋا نەتىجىسىدە پەرھاتجاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىستانبۇل سۈلھى مەھكىمىسىنىڭ دەسلەپكى قارار ئەمەلدىن قالدى، قالغىنىنى سوتنىڭ تەرەققىياتى بەلگىلەيدۇ.» 

سانىيەنىڭ ئېرىنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، تۈركىيەدە يېقىندىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپ ئىكەن. پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بەلگىلىك رول ئوينىماقتا ئىكەن. ھالبۇكى يېقىندا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلىنىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلارچە كىشى قامالغان لاگېرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى سۈرۈشتە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىكەن. ئەمما ئاق پارتىيىنىڭ رەت قىلىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تەرەپسىز تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە بۇ تەكلىپ لايىھىسى رەت قىلىنغان ئىدى.

يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان بىر ئۇيغۇر تۈركىيە ئالاھىدە ھالەت ئېلان قىلغان بۇلتۇردىن باشلاپ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بەش-ئالتە ئاي ئىلگىرى تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ شۇ قېتىم 30 نەچچە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ كېيىنچە ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزىگە ئوخشاش نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن شىكايەت قىلىنىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىلغان تەقدىردىمۇ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ يەنە بۇ خىل قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلغانلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن قايتۇرۇلغانلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي لاگېرلارنى قۇرۇشقا باشلىغاندىن بۇيان تۈركىيەگە بېرىپ قايتقان ۋە ياكى تۈركىيەدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تەقىپكە ئېلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەگە يەرلىشىشنى قارار قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپەيگەنلىكى مەلۇم.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى 28-دېكابىر كۈنى تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 20 مىڭ ئىكەنلىكىنى يازغان. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئىقامىتى تېخى ھەل بولمىغان بولۇپ، ئۇلار 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىشىنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

سانىيە بالىسى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، چاناققەلئەدىكى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان ئېرى پەرھاتجان غوپۇرنىڭ ھازىرچە خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ كۆڭلى تىنغان بولسىمۇ، لېكىن يولدىشىنىڭ تەقدىرى تېخىچە ئېنىقسىز ئىكەن. پەرھاتجاننىڭ تەقدىرى ئۈستىدىكى سوتنىڭ ئاخىرقى قارارى چىقىرىشىغا مەلۇم مەزگىل كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.