گېرمانىيىلىك سىياسىي ئانالىزچى پېترا كولونكو «شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە قاتتىق رېجىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، مەدەنىيەت جەھەتتە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي تىلىغا مەجبۇرى ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىدۇ.
شەرقىي ئاسىيا سىياسىي ئانالىزچىسى پېترا كولونكو خانىم «شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىنىڭ «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا» ماۋزۇلۇق بۆلىكىدە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تيەنەنمېندە، كۈنمىڭدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، كۈنمىڭدە ۋەقە سادىر قىلغۇچى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئۆيىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاڭ لىجۈئەن ئىسىملىك بىر خىتاي زىيالىيسى ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا«يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بىز شىنجياڭلىقلارنىڭ ھەممىسىگە شۈبھى بىلەن قارايدۇ. ئىچكىرىدە مېھمانخانىغا ئورۇنلاشماقچى بولساق ياكى خىزمەت ئىزدىمەكچى بولساق، شىنجياڭلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچرايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەپ بولىۋاتقان ئامىللار ئاز ئەمەس» دېگەن. بۇ بۆلەكتە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشى، بەش ۋاق ناماز ئوقۇشى، مەسچىتكە كىرىشى، مەككىگە ھەجگە بېرىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرت قويۇشى، ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشى قاتارلىق بارلىق مىللىي، دىنىي ئادەتلىرىنىڭ توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ئەشەددىي قارشىلىق يوللىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، غەرب مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئىستىخىيىلىك شەكىللەردىن پىلانلىق ھەم تەسىرلىك ئۇسۇللارغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«شى جىنپىڭنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ماقالىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق بۆلىكىدە، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە سورالغان سوئالغا پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خۇئاڭۋېينىڭ جاۋاب بېرىپ «ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئۆگىتىشتىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئاسانراق خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر» دېگەنلىكى، دىنىي بېسىم ھەققىدە سورالغان سوئالغا «ئۇيغۇرلار تامامەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارغا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەسچىت دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بىز پەقەت ئىش ئورنى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشقا چەكلىمە قويدۇق. بۇ پۈتۈنلەي نورمال. تاماققا ئولتۇرغان بولساق، ئارىمىزغا بىر مۇسۇلمان قوشۇلۇپ قالغان بولسا، بۇ سورۇنغا چوشقا گۆشى كەلتۈرۈلمەيدۇ. دىنىي مەسىلىنى جۇڭگونىڭ سىياسىتى ئەمەس، بەلكى رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلار، تېررورىستلار كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ لىجۈئەننىڭ «2008 - يىلىغىچە ئېتنىك توقۇنۇش يوق ئىدى. ھازىر يىلدىن يىلغا كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.
ماقالىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق بۆلىكىدە يەنە، خىتاينىڭ قەشقەرنى مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان «يېڭى يىپەك يولى»نىڭ مەركىزى قىلماقچى بولغانلىقى يېزىلىدۇ.
«خىتايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى» ناملىق قىسمىدا بولسا، قەشقەرنىڭ يىپەك يولى تۈگىنىدىكى 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر قەدىمىي شەھەر ئىكەنلىكى، تېخى 10 يىل ئىلگىرىلا مىللىي ئالاھىدىلىكى، قەدىمىيلىكى بىلەن «مىڭ بىر كېچە»نى ئەسلىتىدىغان بۇ شەھەرنىڭ ھازىر ۋەيران قىلىنىپ تاشلانغانلىقى، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ سىرتقا كۆچۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ماقالىدە قەشقەرنى «يېڭى يىپەك يولى»نىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى، باج ئېتىبار سىياسىتى ھەم ئاسىيانىڭ سودا مەركىزى قىلىش شۇئارى تۈپەيلى دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردىن نۇرغۇنلىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىپ قۇرۇلۇشقا تۇتۇش قىلغانلىقى، ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ ھىچ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى تەكىتلىنىپ، قەشقەردىكى بىر چەتئەل ئىنجېنىرىنىڭ «قەشقەر ئاخىرقى تۆت يىلدا سەلدەك ئېقىپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنىنى باشتىن كۆچۈردى» دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
شەرقىي ئاسىيا سىياسىي ئاخباراتچىسى پېترا كولونكو خانىم قەشقەردە كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. خەلق خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قاخشايدۇ، «بىز زادى قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەيۋاتىمىز» دېيىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسى» دەپ قاراپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەددىدىن زىيادە كۈچەيتىۋەتكەن بۇ شەھەر كىشىلىرىنىڭ قەدەمدە بىر ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، سومكىلىرى، ئۈستى - بېشى ئاختۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەر يەردە كۆرگىلى بولىدىغانلىقى، كامىرالارنىڭ ھەممىلا يەرنى قاپلىغانلىقى، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ كۆپ چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
ماقالىنىڭ «ھەممىمىز؛ ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى» ناملىق بۆلىكىدە، ياۋرۇپالىق بىر ئىنجېنېرنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم. ئۇلار سەللا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قويسا، شۇ ھامان تېررورىست ياكى رادىكال ئۇنسۇر ئاتىلىپ تۈرمىگە سولىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ تىنجىماس شەھەر قەشقەردە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى قايتا تەكرارلىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا ئەسكەر ۋە ساقچىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تېررورىستلىرىغا قارشى پولاتتىن ياسالغان بىر ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىش خىيالىدا بولغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بولسا، ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنى «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر - ئۇر قىلغاندەك ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش»نى تەكىتلىگەنلىكى، دەل مۇشۇنداق بىر زاماندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ۋەقە سادىر قىلىپ، خىتاي رەئىسىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» تورى 30 - ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىشتىن بەش سائەت ئىلگىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە بېغىشلاپ بىر باش ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. «بىز يۈرەكلىك ھالدا قەشقەر، خوتەڭە بارالايلى» ناملىق بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ياراتقان كۈچلۈك تەسىرنى ئېتىراپ قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «شىنجياڭنىڭ ئوبرازى تېررورىستلار ۋە ئۇلار پەيدا قىلغان رادىكال ۋەقەلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى، شىنجياڭنىڭ ھەر خىل مەپتۇن قىلارلىق ئېلىمېنتلىرى سۇسلاشتۇرۇلدى ياكى يوشۇرۇپ قېلىندى. نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار شىنجياڭغا ساياھەتكە بېرسىھتىن قورقىدۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجياڭغا بېرىشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. تېررورىستلار گەرچە ئاز سانلىق كىشىلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خورىكى بارغانسىرى ئۆسۈپ، ئاز بولمىغان دائىرىگە تەسىر كۆرسەتتى».
0:00 / 0:00