ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرى پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىن 32 ياشلىق تۇرسۇنگۈلنى تۇتۇپ يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتول يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنگۈل بالىلىرى بىلەن بىللە خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە بىرقانچە ئايلاردىن بۇيان يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بالا - چاقىلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ بىر ئائىلە جەم بولۇشنى پىلان قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 2 - ئايدا تۇرسۇنگۈل خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ۋە قەيەرگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر ئېغىزمۇ ئىقرار قىلمىغان.
ئارىدىن بىر ئۆتكەندە پەيزىۋات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەن. تۇرسۇنگۈلنىڭ 15 ياشلىق بىر قىزى ۋە بىر ياشقا تولمىغان بىر ئوغلىنىڭ بارلىقى مەلۇم.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرسۇنگۈل پەيزىۋاتقا ئېلىپ كېلىنىپ بىر ھەپتە بولمايلا شاپتول ساقچىخانىسىدىكى قىيىن - قىستاقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساقچىلار ئالدى بىلەن مىيىتنى يوشۇرۇن دەپنە قىلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن تۇغقانلىرىغا «يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلدى» دەپ ئۇقتۇرغان.
بىز بۇ ۋەقەنى دەلىللەش ئۈچۈن پەيزىۋات ناھىيەسى شاپتول يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى قۇربان تۇر بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇساجان ئەمەتكە تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، بۇ ئىككى نەپەر يېزا رەھبىرى ھەر خىل باھانە - سەۋەبلەر كۆرسىتىپ سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى ياكى بۇ ئىشنى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋالدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00