«تەربىيىلەش لاگېرى» دىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ جىددىي ئىزدىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجىدا بىرەيلەننىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دىن قاچقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك غۇلجا تەۋەسىدە ساقچىلارنىڭ كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىگە جاۋاب بەرگەن غۇلجىنىڭ بايانداي، سۈيدۈڭنىڭ كۈرە تەۋەلىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ 3 كۈندىن بېرى يول توسۇپ ۋە ئۆي ئاختۇرۇپ تۈرمىدىن قاچقان بىر گۇماندارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغان ئاڭلىغۇچىمىز بۈگۈن يەنە مەزكۇر گۇماندار ھەققىدە چىقىرىلغان بىر تۇتۇش بۇيرۇقىنى رادىئومىزغا يەتكۈزدى. تۇتۇش بۇيرۇقىدا گۇماندار پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ ئىجتىمائىي جىنايەتچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، پەيزۇللانىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك «تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئاپىرىلغان سىياسىي تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈنۈگۈن رادىئومىزغا يەتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇچۇردا گۇماندارنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئۆي ئاختۇرۇشنىڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسىدىن تاكى قورغاسنىڭ كۆكدالا تەۋەسىگىچە كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن غۇلجىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز تېخنىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بايانداي ۋە سۈيدۈڭنىڭ كۈرە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدۇق. ئاھالىلەر بىردەك 3 كۈندىن بېرى ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر بالداق جىددىيلەشكەنلىكى، ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقان بىرسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئالدىنقى كۈنى سۈيدۈڭدىن غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان بىر كىشى يولدىكى قاتمۇ-قات توساقلاردىن ۋە يول توسقان خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن، قاماقتىن قاچقان بىر كىشىنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى ئۇققان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بايانداي يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، «تەربىيىلەش» تىن قاچقان گۇماندار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن گۇماندارنىڭ 30 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ۋە ھېلىھەم تۇتۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە بىزگە ئەڭ دەسلەپتە ئۇچۇر يوللىغان ئاڭلىغۇچىمىز بۈگۈن يەنە مەزكۇر گۇماندار ھەققىدە چىقىرىلغان بىر تۇتۇش بۇيرۇقىنى رادىئومىزغا يەتكۈزدى. تۇتۇش بۇيرۇقىدا، گۇماندارنىڭ بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن پەيزۇللا ئۇتۇق ئىكەنلىكى، 27‏-مارت كۈنى 66‏-تۈەن دوختۇرخانىسىدىن قاچقانلىقى بايان قىلىنغان. تۇتۇش بۇيرۇقىدا يەنە پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ يېزا ئىگىلىك 64‏-پولك 14 ‏-ئەترەتنىڭ ئاھالىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. تۇتۇش بۇيرۇقىدا تېلېفون نومۇرلىرى قالدۇرۇلغان ئىككى خادىمغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئالاقىلەشكىلى بولمىدى. تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ تا بۈگۈنگىچە تېخى تۇتۇلمىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دىن قاچقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق ۋە كەسكىن جاۋاب بېرەلمىدى.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا پەيزۇللا ئۇتۇقنىڭ قېچىشتىن 10 كۈن ئاۋۋال ئات ئوغرىلاپ تۇتۇلغانلىقى يېزىلغان. ئەمما ۋەقە ھەققىدە رادىئومىزغا ئەڭ دەسلەپتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى «ئات ئوغرىلىدى» دېگەن ئىزاھاتنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى تىلغا ئالماسلىق ئۈچۈنلا بۇ بۇ جىنايەتنى توقۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۇتۇش بۇيرۇقىدا پەيزۇللا ئۇتۇق ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىگە 100مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مۇكاپات سوممىسىنىڭ چوڭلۇقى ۋە گۇماندارنى تۇتۇش دولقۇنىنىڭ كەڭلىكىمۇ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بايانىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.