سېكرېتار پەزىلەت بەكرى خىزمىتىدىكى پاسسىپلىقى سەۋەبىدىن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچى خادىمى، يارباغ كوچا باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى «يېپىق تەربىيە» ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىدىيەسىدە سىياسىي مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرلار قىسمەن دەلىللەندى.

رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، پەزىلەت بەكرى «يېپىق تەربىيە» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئائىلە بويىچە تۇتۇلۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەردىن ياشانغان كىشىلەرنىڭمۇ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئەكىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە قەلبىدىكى ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يوشۇرالماي قالغان. بۇنى كۆرۈپ قالغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى خىتاي خىزمەتچىلەر ئەھۋالنى دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە دائىرىلەر پەزىلەت بەكرىنىڭ «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ قاراپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ۋە «يېپىق تەربىيە لاگېرى» غا ئەۋەتكەن. مەكتۇپتا يەنە پەزىلەت بەكرىنىڭ بۇ يىل 30 ياش چامىسىدا ئىكەنلىكى، «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلىشتىن ئاۋۋال قەشقەر شەھەرلىك يارباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

بىز ئالدى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ياۋا ۋە چاسا كوچا باشقارمىلىرىدىكى بەزى خادىملار پەزىلەت بەكرىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزىلىرى پەزىلەت بەكرىنى تونۇماسلىقىنى خىزمەتتە ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، بەزىلىرى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.

رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا پەزىلەت بەكرىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىقىدىن باشقا يارباغ كوچا باشقارمىسى قاتارلىق 3 باشقارمىنىڭ سېكرېتارى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر خادىم پەزىلەت بەكرىنىڭ يارباغ كوچا باشقارمىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، پەزىلەت بەكرى يارباغ كوچا باشقارمىسىدا ئىشلەشتىن بۇرۇن قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. ئۇ خىزمەتتىكى جانلىقلىقى سەۋەبىدىن 2014‏-يىلى يارباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، پەزىلەتنىڭ بۇنىڭدىن 4 يىل ئاۋۋال يارباغ كوچا باشقارمىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
قەشقەر شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئىدارە جەمئىيەتلەردىكى بەزى خادىملارنىڭ پەزىلەت بەكرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەن جىددىيلىشىشى، گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، پەزىلەت بەكرىنىڭ «تەربىيىلەش» تە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى پەزىلەت بەكرىنىڭ «يېپىق تەربىيە لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىدىن خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.