ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۇ يىل 1 -ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان قەشقەر ياۋاغ كوچا باشقارمىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا تەۋە بىر قاماقخانىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ھالەتتە نامەلۇم بىر جايغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ قەشقەر شەھەرلىك 4 -ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان يېپىق تەربىيە لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
بىز ئۆتكەن ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر ياۋاغ كوچا باشقارمىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى پەزىلەت بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى جايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن ئىدۇق. بىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئۇنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قايسى قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ ھەپتە قەشقەر ۋەزىيىتىدىن كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، پەزىلەت بەكرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا تەۋە بىر قاماقخانىدىن نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. قەشقەردىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، پەزىلەت بەكرىنىڭ نۆۋەتتە قەشقەر شەھەرلىك 4 -ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيە لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى پەزىلەت بەكرى نامەلۇم جايغا يۆتكەلگەندە بېشىدا قارا خالتا بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ساقچى خادىملىرى بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدى. ئەمما ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، غۇلجا ناھىيىسىدىكى «تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئەكىلىنگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ 19 ياشلىق تۇتقۇن گۈلنار ئەمەتنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ جەمئىيەتكە يامان تەسىر بەرمەسلىك ئۈچۈن گۈلنار ئەمەتكە قارا خالتىنى ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن كىيدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن، بۇ نۆۋەت بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ قاماقخانىدىن «تەربىيىلەش لاگېرى» غا يۆتكەلگەن پەزىلەت بەكرىنىڭ سېكرېتار ۋە سىياسىي كومىسسار مەزگىلىدە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن بوۋاي-مومايلارنى كۆرۈپ ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە بۇ ھېسسىياتىنى يوشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم ئىدى.