ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر پىچان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي قاتىلنى روھىي كېسەلگە چىقىرىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى
2013.04.23

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پىچاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن خىتاي قاتىل گۇماندارىنى، روھىي كېسەلگە چىقىرىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، پىچاندىكى يەرلىك خەلق نۆۋەتتە بۇ تەشۋىقاتقا سۈكۈت بىلەن بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.
ئەمما ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانىغا ئىگە بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى قاتىلنى قوغداپ قېلىشنىڭ قانۇنىي يولىنى ئاچماقتا دەپ تەنقىد قىلىشماقتا. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋىگىيەدىكى سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ پىكىرلىرىنى ئىگىلىدى. نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ قاتىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنى روھىي كېسەلگە چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە؛ بەختىيار ئۆمەر، خىتاينىڭ ۋەقەنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي تەسىرىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن پاكىتلارنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پىچاندا 7 ياشلىق بالىنى چاناپ ئۆلتۈرگەن خىتاي قاتىلنىڭ روھىي كېسەلگە چىقىرىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر قاتىل گۇماندارى روھىي كېسەل دەپ قارالسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ، ئۇ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇشى، ھەتتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەقىسز داۋالىنىشى ۋە بېقىلىشى مۇمكىن. بىز بۈگۈن مەزكۇر قاتىل گۇماندارىنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكىنىڭ راس بولۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ ئەگەر خىتاي پاكىتنى بۇرمىلاۋاتقان بولسا، يەتمەكچى بولغان مەقسىتى نېمە دېگەن تىمىلاردا، نۇرمەمەت مۇساباي ۋە بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى سورىدۇق:
سوئال: سىزچە، خەۋەردىكى پاكىتلارغا قارىغاندا، قاتىل گۇماندارىنى «روھىي كېسەل ئىدى» دېگەن چۈشەندۈرۈش ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟
نۇرمەمەت مۇساباي: قاتىل ۋەقەنى سادىر قىلىشتىن ئاۋۋال نورمال بىر خىزمەتچى بولغاندىمۇ، بىر خۇمداننىڭ ئىشچىلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان گۇرۇپپا باشلىقى. بىر ئۇيغۇرنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ «ئەسلىدە مەن بۇنى ئەمەس، باشقا بىر خەنزۇنى ئۆلتۈرمەكچىتىم» دېگەن گەپكە ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ئەقلىي ئاجىزلىق بولىدۇ. مەنچە، قاتىل ئەقلىي جەھەتتىن ناھايىتى نورمال.
بەختىيار ئۆمەر: قاتىل ۋەقەنى سادىر قىلىپ بولۇپ، ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەن. بۇمۇ قاتىلنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى نورماللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
سوئال: ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتىلنى روھىي كېسەلگە چىقىرىشتىكى مەقسىتى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ يەنى قاتىلنى قوغدىماقچىمۇ؟ ياكى مىللىي ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟
نۇرمەمەت: مەنچە ئاساسلىقى قاتىلنى قوغدىماقچى. قاتىلنى قوغداش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلەرنى بۇ زېمىندا خاتىرجەم ۋە تەۋرەنمەي ياشاشقا ئىلھاملاندۇرماقچى.
بەختىيار ئۆمەر: مەنچە ئاساسلىق مەقسەت قاتىلنى قوغداش ئەمەس، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش؛ يەنى ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىپ، ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئىسياننىڭ ئالدىنى ئالماقچى. چۈنكى، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە - تاۋبىئاتى ۋە خولۇم - قوشنىلىرى قوزغىلىپ كەتكەن ۋە خۇمدان ئەتراپىدىكى خىتاي ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. خىتاي مىللىي ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئاھالدا قاتىلغا چاپان يېپىۋاتىدۇ.
سوئال: دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئەتراپتىكى ئۇچ يېزىدا، بۇ مىللىي ۋەقە ئەمەس، سىياسىي ۋەقە ئەمەس، دىنىي ۋەقەمۇ ئەمەس دېگەن تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ سىزچە، بۇ چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟
بەختىيار ئۆمەر: بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ سىياسىيلىشىپ بولغان, چۈنكى ۋەقەگە يالغۇز قانۇن ئورگانلىرى ئەمەس، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىلاشقان، پارتكوم سېكرىتارى قاتىلنى جازالايمىز دەپ ۋەدە بەرگەن، دىنىي زاتلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن. دېمەك ۋەقەنى سىياسىي خاراكتېرىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس.
نۇرمەمەت مۇساباي: ۋەقە يۈز بېرىشتىنلا بىر سىياسىي ۋەقە، يەنى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر سىياسىي. ئەگەر خىتاي كۆچمەن ئېقىنى بولمىسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جاسارەتلەندۈرۈش بولمىسا، بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىدا، ئۇيغۇرنىڭ مەھەللىسىدە، بىر ئۇيغۇر بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى ۋە قېچىپ كەتمەي ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. قاتىل ھۈكۈمەتكە ئىشىنىدۇ، ساقچىلارغا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەقە سادىر قىلغان ھەم ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
سوئال: پىچاننىڭ خىتاي پارتكوم سېكرىتارى ئۆلگۈچى ئائىلە - تاۋابىئاتىغا شۇ كۈنى، قاتىلنى تېز ۋە قاتتىق جازالايمىز دەپ ۋەدە بەرگەن. ھازىرقى ئەھۋالدا قاتىلنىڭ جازالانمايدىغانلىقىدىن شەپە بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ۋەزىيەتنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
بەختىيار ئۆمەر: ئەسلىدە پارتكوم سېكرىتارى ۋەدە بېرەلەيدىغان بىر ئىش ئەمەس، سېكرىتار ۋەقەنى تىنجىتىش ئۈچۈن، ئائىلىلەرنىڭ ئاچچىقىنى بېسىش ئۈچۈن جامائەتنى ئالدىغان. ئەگەر پارتكوم سېكرىتارىنىڭ ۋەدىسى راست بولسا، بۇ دېلودا قانۇن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، سىياسەت ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئۆلگۈچى ئائىلە - تاۋبىئاتلىرى قاتتىق چىڭ تۇرغان ئەھۋالدا، قاتىل جازالىنىدۇ، بوش تۇرسا بېسىقىپ كېتىدۇ، قاتىل ئامان قالىدۇ دېگەن گەپ.
نۇرمەمەت مۇساباي: مەنچە خىتاي قاتىلنى جازالىمايدۇ، قاتىل يەنە ئامان قالىدۇ، ئەمما ۋەقە بەكلا ئېچىنىشلىق ۋەقە، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋە يۇرت جامائىتىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، مەنچە ئىسيان يەنە چىقىدۇ، قاتىل تېگىشىلىك جازاسىنى كۆرمىگىچە، چىققان ھەرقانداق ئىسيان ھەقلىق دەپ قارايمەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا پىچاندىكى يەتتە ياشلىق بالىىنى ئۆلتۈرگەن خىتاي قاتىلىنىڭ روھىي كېسەلگە چىقىرىلىشى ھەققىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.