لۈكچۈن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى گۇمان قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

26-ئىيۇن سەھەردە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا، ئاممىنىڭ ساقچىخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى شۇنداقلا بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلغانلىقى تېز ئارىدا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىنمۇ ئورۇن ئالدى.

ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن 9 ساقچى ۋە 8 پۇقرانىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 10 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ۋەقەدىكى يارىدار ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سالاھىيىتى ھەمدە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى. خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىمۇ بۇ ھەقتە تۈرلۈك گۇمانىي قاراشلار داۋام قىلماقتا.

بوغدا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى جىمجىت چەت يېزا بولغان لۈكچۈن بازىرى بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. خىتاي ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ بايانىدا كۆرسىتىلىشىچە، 26-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا بىر توپ كىشى لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانا، ھۆكۈمەت بىناسى شۇنداقلا بازاردا ئىش باشلىغان مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىغا بۆسۈپ كىرىپ پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان، بۇ جەرياندا ئۇلار ساقچى ۋە ئامانلىق خادىمىدىن 9، پۇقرادىن 8نى ئۆلتۈرگەن، 3 كىشىنى يارىلاندۇرغان، ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن 10 كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ 3 نى قولغا ئالغان، ھۇجۇمچىلاردىن يەنە بىر قانچىسى قېچىپ كەتكەن.

بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بولۇپمۇ 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ۋە شۇنىڭدەك 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4-يىللىقى ھارپىسىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز تىكىۋاتقان بىر پەيتىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، خەلقئارالىق ئاخباراتىنىڭ ئىنكاسىمۇ جىددىي ۋە كۈچلۈك بولماقتا.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئوخشاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە قارىغاندا لۈكچۈندىكى مەزكۇر ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ۋەقە جەريانى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە تۇتۇلغان يارىدار بولغانلار ئەھۋاللىرى ھەققىدە يەنىلا ھازىرغا قەدەر مەلۇمات بېرىلمىدى، ئەمما يارىدارلار سانى ھەققىدە خىتايدىكى ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار پەيدا بولماقتا، تېڭشۈن بلوگىغا پىچاندىن ئۇچۇر يوللىغان بىر خىتاينىڭ سۈرەتلىك تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ساقچىلار تۆت نەپەر يارىدارنى پىچان ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئالاھىدە قوغداش ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئاستىدا يۆتكەپ كەلگەن، نۆۋەتتە پۈتۈن دوختۇرخانا ئەتراپى قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قورشالغان بولۇپ ھېچكىمنىڭ كىرىش-چىقىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يەرلىك ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىمۇ، لۈكچۈندە ناھايىتى كۆپ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، دوختۇرخانىلارنىڭ يارىدارلار بىلەن تولغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

پىچان ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ناھايىتى ئەندىشە ئىچىدە،« بۈگۈن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل تەكشۈرتكىلى بارغانىدىم، لېكىن ساقچىلار كىرگۈزمىدى » دېدى.

بىز لۈكچۇندىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ھۆكۈمەت ۋە ساقچى تارماقلىرىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى، تېلېفون ئۇلانغان بەزى يەرلىك ئاھالىلەر بولسا، بىزگە بۇ ھەقتە سۆزلەشكە پېتىنالمىدى.

بىز لۈكچۈن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ۋە يارىدارلار سانىدا ئۆزگىرىش بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن تۇرپان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، مەسئۇل ساقچى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، نۆۋەتتە لۈكچۈن بازىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ناھىيىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، تۇرپان، پىچانغا كىرىش تاش يول ئېغىزلىرى قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلار بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. لېكىن دائىرىلەر ۋەقە تۇغدۇرغانلاردىن زادى قانچىسىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىدى.

خىتايدىكى بەزى شەخسىي مىكرو بلوگلارغا چاپلانغان ئۇچۇرلاردىمۇ لۈكچۈن بازىرى ئىچىدە قوراللىق ئالاھىدە قىسىملارنىڭ برونېۋىكلار بىلەن چارلاش، ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كىچىككىنە بۇ يېزىنىڭ بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا ئۇرۇش مەيدانىدەك كۆرۈنۈشكە كېلىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلدى.

لۈكچۈن بازىرى پىچان ناھىيىسىدىكى بەش بازارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئەڭ يېقىنقى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا 7835 ئائىلە بار، نوپۇسى 33مىڭ 520 دەپ كۆرسىتىلدى، نوپۇسنىڭ 81% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار، 10% ئىنى خىتايلار، قالغان قىسمىنى تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ.

پىچان ناھىيىسى جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن، 312-نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولى، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى، پىچان ھەربىي مەشىق ئايرودرومى، ئاسىيا نۇركابىل لىنىيىسى، كورلا-پىچان نېفىت ئاققۇزۇش لىنىيىسى، پىچان-ئۈرۈمچى تەبىئىي گاز ئۇزىتىش لىنىيىسى قاتارلىق قاتناش ئالاقە، ئېنېرگىيە لىنىيىلىرى مەركەزلەشكەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورۇن.

لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ سەۋەب‏-نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇخبىرلىرىمىز يەنە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە شۇنداقلا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىستانسىمىزنى بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.