7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىچان ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇرچە پروگرامما تارقاتتى. ئۇنىڭدا خىتاي مۇخبىر، 26 - ئىيۇن پىچاندىكى بازارلىق ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان پىدائىيلاردىن ئەلى ئىبراھىمنى زىيارەت قىلدى.
ئەلى ئىبراھىم ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ۋە تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، 26 - ئىيۇن ئۇيغۇر پىدائىيلار پىچاندىكى ساقچىخانا، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئولتۇرگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۆلگەن خىتايلارنى كۆرسەتمىدى. پەقەت ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ داموللىسى ئابلەت قۇرباننى ۋە مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى دىن ۋە مىللەتلەر كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى ئابلەت ئابلىزنى زىيارەت قىلدى. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ پروگراممىنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى نېمە؟ زىيارەت قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئىپادىسى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ئەلى ئىبراھىمنىڭ بۇ قېتىمقى پىدائىيلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىدىن پۇشايمان قىلىشى نورمال ئەھۋالمۇ؟
بىز بۇ ھەقتە ھازىر كانادانىڭ ئەدمونتون شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00