خىتاي ئاتالمىش ياپونغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويغان «پوچتا يوللانمىلىرى ئالاھىدە تەدبىرى» ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى كىملىك بويىچە تەكشۈرۈش ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلگەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر خېرىدارلارغا قولايسىزلىق تۇغدۇرغانلىقى مەلۇم.
25 - ئاۋغۇست خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر مەزگىلىدىكى پوچتا يوللانمىلىرى ئالاھىدە تەدبىرى» ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى قىزىلتاغ پوچتىخانىسى، دۆڭكۆۋرۈك پوچتىخانىسى قاتارلىق پوچتىخانىلاردا 24 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپلا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە چەتئەللەرگە ئەۋەتىلىدىغان تېز پوچتا يوللانمىلىرىدا كىملىكنى خاتىرىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. پوچتىخانىغا خالتا سېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر ئىلگىرىكىدەك نورمال تەرتىپلەر بويىچە پوچتا جەدۋەللىرىنى تولدۇرغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ يېنىدىكى كىملىكى، خىزمەت كىنىشكىسى، ئاممىغا قۇلايلىق كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ كوپىيىسىنى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدىن چەتئەلدىكى تۇغقىنىغا خالتا ئەۋەتكەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ پوچتىخانىسىغا بارغىنىدا پوچتىخانا خادىملىرى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۇنىڭدىن كىملىكى، خىزمەت كىنىشكىسىنىڭ كوپىيىسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئۆيىدە تەييارلاپ كەلگەن پوچتا يوللانمىلىرى پوچتا خادىملىرى تەرىپىدىن ئاچقۇزۇلۇپ، ئىچىدىكى نەرسىلەر ئۇ تولدۇرغان جەدۋەلدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ نامى ۋە سانى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ بىرمۇ - بىر تەكشۈرۈلگەن. پوچتا خادىملىرى يوللانمىنى ئۆزلىرى پېچەتلەپ، «قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى» دېگەن تامغىنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا بۇ يوللانمىنى ئەۋەتىش رەسمىيىتى تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادەتتە يېرىم سائەت ھەتتا 10 نەچچە مىنۇتتا تاماملىنىدىغان پوچتا رەسمىيىتىنى ئۇ شۇ كۈنى 2 سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا تاماملىغان.
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، يەنە 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش، 2015 - يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىن ئەۋەتىلىدىغان ھەرقانداق پوچتا يوللانمىسى X نۇرىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى قىزىلتاغ پوچتىخانىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇلار ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، شىزاڭنىڭ بەزى رايونلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلارنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۇلار بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. پوچتىخانىغا كەلگەن خېرىدارلار ئەۋەتمەكچى بولغان پوسۇلكىلار قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش بەلگىلەنگىنى ئۈچۈن، ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان خېرىدارلار ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەن، ئەمما خېرىدارلار ۋەزىيەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بۇ خىل ئالاھىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە بېيجىڭ تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەمما بۇ يىل 10 - ئايدا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر سوزۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان پوچتا يوللانمىلىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى دائىرىلەر ھەر خىل ناملاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان پوچتا ئالاقىسىگىمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىشى، بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق زېمىنلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇقىملىق مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00