قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن قېتىمقى پروگراممىمىزدا يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە مومىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن بارغان ياپونىيە پۇقراسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارمان ساقچىلار تەرىپىدىن ئۈچ كۈن سوئال-سوراق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئارمان ئۆزى ئۈرۈمچىدە كۆرگەن بەزى ئەھۋاللار توغرىسىدا توختالدى.
بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە، ئارمان ئۈرۈمچىدە ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«سىز ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي قوۋۇقتىن ئۈچ تاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى رايونلارنى ئايلىنىپ چىقسىڭىز، دوقمۇش-دوقمۇشلارغا يېڭىدىن سېلىنغان «خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ساقچى پونكىتى» دېگەن پونكىتلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. بۇ ساقچى پونكىتلىرىغا «خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش» دېگەن ۋېۋىسكىلار ئېسىلغان بولسىمۇ، ئەمەليەتتە بۇ پونكىتلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قايسى رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش بولۇپ، ئادەتتە ھەر بىر پونكىتتا 20 دىن 30 غىچە ساقچى خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇلار ئۆز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرگە زەربە بېرىش، كوچا-كويلاردا كېتىۋاتقان ئىسلامىي كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن خانىم-قىزلارنى، ساقال-بۇرۇتلۇق ئەركەكلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ ئۇلارنى ئاختۇرۇش ۋە قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈش، رايونلاردىكى مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىش، جۈمە نامىزى، مېيىت نامىزى، ھېيت نامىزى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتنى كۆزىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.
ئارمان بۇ ھەقتە دوستلىرىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«دوستلىرىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىگە بۇ ساقچى پونكىتلىرىدىن 600 ى يېڭىدىن سېلىنغان بولۇپ، بۇ پونكىتلار ئۇيغۇر ئېلىغا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي بۇيرۇقى بويىچە سالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئادەتتە بۇ پونكىتلارنى «چېن چۈەنگونىڭ پوتىيى» دەپ ئاتايدىكەن.

ئارمان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئېيتقانلىرىنى بىلدۈرۈپ:«بۇ ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ھەر بىرىنى سېلىش ئۈچۈن خەلق پۇلىدا توققۇز يۈز مىڭ سوم پۇل كەتكەن بولۇپ، بۇ پونكىتلار زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئەسلىھەلەنگەن. پونكىتلاردا ئاھالىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى تىڭشاش، ئۇندىدار ۋە قول تېلېفونىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى تولۇق ئورنىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە پونكىتنىڭ ئىچى دائىم دېگۈدەك لىق ئادەملەر بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىز ساقچىدىن " بۇ ئادەملەر نېمە ئۈچۈن توپلىنىپ قالغان" دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار " بۇ، خەلققە قولايلىق يارتىپ بېرىش پونكىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قول تېلېفونلىرىغا توك قاچىلاۋاتىدۇ» دەپلا قويىدىكەن. ئەمەليەتتە بولسا ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ تېلېفونلىرى تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن» دېدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئارمان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەمۇر مەسچىتىگە جۈمە نامىزىغا بارغاندا مەسچىتكە قويۇلغان «سەدىقە ساندۇقى» غا يۈز سوم پۇل تاشلىماقچى بولغاندا، دوستى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق مەسچىتلەرگە مەخپىي تىڭشىغۇچ، كۆزىتىش ئاپاراتلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئەگەر مەسچىتكە نامازغا كەلگەن كىشى مەسچىتلەردىكى "سەدىقە ساندۇقى" غا يۈز سوم پۇل تاشلىسا، دەرھال ساقچىلار تەرىپىدىن سوئال-سوراق قىلىنىپ، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ سەدىقە پۇلى بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن. مەسچىت ئىماملىرى قۇتبە نامىزىدا پەقەتلا ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرى تەستىقلىغان قۇتبە نۇتىقىنى ئوقۇيدىكەن.»
ئارمان ئۈرۈمچدىكى رېستورانلارغا دائىم دېگۈدەك قوراللىق ساقچىلارنىڭ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ:«مەن بىر قېتىم دوستلىرىم بىلەن بىر رېستوراندا تاماقتا ئولتۇرغان ئىدۇق. توساتتىنلا رېستورانغا قوراللىق ساقچىلار كىرىپ رېستوراندىن ئۈچ نەپەر ئىسلامىي كىيىم كىيىنگەن قىزلارنى قوپاللىق بىلەن تۇتۇپ چىقىپ كەتتى. رېستوران خوجايىنى بىزگە، بۇ قىزلارنىڭ خوتەندىن كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا رېستوراندا قاچا-قۇچا يۇيۇش خىزمىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بۇ قىزلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچىخانىغا ناھايىتى يۇقىرى جەرىمانە پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان ياپونىيەلىك ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ساكورا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي دۆلىتى ئۆزىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىنىدىغانلىقىنى دائىم خەلقئارا جەمئىيەتتە تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدا مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىچىدە ياشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بۇ رايوندا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ»دېدى.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كىملىكلىرىدە «دىنى ئىسلام» دېگەن خەتلەر ئۆچۈرۈلۈشى شەرت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.