پۇرچاقچى يەنە تىنجىمىدى: دۈشەنبە كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلدى، ئىككىسى ئەسىر چۈشتى، ئۈچى قاچتى

0:00 / 0:00


بۇلتۇر رامىزان ماي ئېيىدىن باشلاپ قانلىق ۋەقەلەر ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان خوتەن قارىقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى يەنە تىنجىمىدى. 9 - مارت كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى چىققان قانلىق توقۇنۇشتا، بىر نەپەر ساقچى ۋە ئىككى نەپەر پىدائىي ئۆلگەن، پىدائىيلاردىن ئىككىسى ئەسىرگە چۈشكەن، 3 نەپىرى نەق مەيداندىن قاچقان.

بۇ، پۇرچاقچىدا يېقىنقى بىر يىلغا يېقىن ۋاىقت ئىچىدە يۈز بەرگەن 7 - قېتىملىق، بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 - قېتىملىق قانلىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن، بۇلتۇر يۈز بەرگەن كەنت سېكرىتارىنىڭ ئايالىنىڭ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە 9 نەپەر پىدائىينىڭ قوناقلىقتا قورشاپ ئوققا تۇتۇلۇش ۋەقەسى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان سەزگۈر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى خىتاي 4 كۈندىن بۇيان دۇنيا جامائىتىدىن سىر تۇتماقتا.

يوقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلۇنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن يېزىدىكى ساقچى ۋە كەنت سېكرىتارلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاڭلار.