سابىق مەھبۇس ئابدۇخېلىل تۇرسۇن ئامما ئالدىدا پۇشايمان باياناتى بېرىپمۇ يەنە قاماقتا

0:00 / 0:00

ئاتۇش ئىشتاچىلىق دېھقان ئابدۇخېلىل تۇرسۇن 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئاتالمىش ھىزبۇ-تەھرىر تەشكىلاتىغا قېتىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن. ئۇ ئاتۇشتا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا داۋام قىلغان سىياسىي ئۆگىنىشلەردە 7 مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئاھالىلەرنى خىتاي دۆلىتىگە سادىق بولۇشقا دەۋەت قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى يىغىن سەۋەبلىك ئاتۇشتا سابىق مەھبۇسلارنى قايتا تۇتقۇن قىلغاندا، ئابدۇخېل تۇرسۇن بۇ تۇتقۇننىڭ سىرتىدا قالالمىغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، سابىق مەھبۇس ئابدۇخېلىل تۇرسۇننىڭ پۇشايمان باياناتى بىلدۈرۈپ تۇرۇپمۇ بۈگۈن يەنە ئاتۇشتا قاماقتا يېتىۋاتقانلىقىدەك بۇ پاكىت ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى، ئابدۇخېلىل تۇرسۇننىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قايتا تۇتۇلۇشىدىكى ئاتالمىش جىنايى پاكىتنىڭ، قىلمىش ئەمەس، كىملىك، يەنى مىللىي كىملىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.