قاغىلىقتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قول تېلېفون ئارقىلىق تورغا كىرىشى ئاشكارا ھالدا چەكلەنمەكتە

0:00 / 0:00


خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىق سەۋەبلىرى قاتارىدا تور ئالاقىسىنى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تورغا چىقىشىنىمۇ مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەن، شۇڭا تورنى كونترول قىلىشنى ھەسسىلەپ كۈچەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى تورغا چىقىشتىن چەكلەشنى قانۇن - تۈزۈم سۈپىتىدە ئاشكارا ئېلان قىلىشقا پېتىنالماي كەلگەن. يېقىنقى بەزى ئۇچۇرلاردىن، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قانۇن ۋە ئەخلاق چېگرىسىدىن ئاشكارا ھالدا ھالقىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. غەيرىي رەسمىي بىر ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تىڭشۈن شىركىتى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى چەكلىگەن؛ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە قاغىلىق ناھىيىسىدە 17 ياش بىلەن 30 ياش ئارىسىدىكى ياشلار ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قول تېلېفون ئىشلىتىشتىن توسۇلغان.

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ مەشھۇر تور شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان تىڭشۈن شىركىتى ئۈندىداردا ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئۇچۇر يوللاشنى چەكلىگەن، گەرچە بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى تېخى رەسمىي ئاخباراتلاردا دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، قاغىلىقتا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە تېلېفونلارنى ئىشلىتىشتىن توسۇش تەدبىرلىرى، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

فېيسبوكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا بىلدۈرۈشىچە، تىڭشۈن تور شىركىتى ئۈندىداردا ئۇيغۇرچە مەزمۇن يوللاشنى چەكلىگەن. مەزكۇر شىركەت، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور شىركەتلىرىدىن بىرى، ئۇ 1998 - يىلى خىتاينىڭ شېنجىن شەھىرىدە قۇرۇلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى QQ تور چەمبىرىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، 5 - ئىيۇل نامايىشىغا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى QQ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ توپلانغان، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن، خىتاي بار كۈچى بىلەن دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق سىرتقا ئاشكارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى بىر يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدىمۇ تور قوللانغۇچىلىرىنى ئاساسلىق نازارەت ئوبيېكتى قىلغان ۋە توردا چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگۈچىلەرنى كەڭ كۆلەمدە جازالىغان. قاغىلىقتا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تورغا چىقىشتىن توسۇش تەدبىرىمۇ تىڭشۈن تورىنىڭ ئۇيغۇرچىنى چەكلىگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى يەنە بىر نۇقتىدىن دەلىللىمەكتە.