«ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىدىكى بىر جۈملە راست گەپ: ئۇلار قانۇننى بىلمەيدۇ ئەمەس، ياقتۇرمايدۇ»
2014.11.28

ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى كۈنى يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 - ئومۇمى يىغىنىدا ئاتالمىش دىن ئەسەبىلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندىكى مۇزاكىرە داۋامىدا، كومپارتىيە ۋەكىللىرى رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر دولقۇننىڭ نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئاساسلىق توختالغان بولسىمۇ، بەزى بايانلاردىن رايوندىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى ھەققىدە ئېتىراپلار ۋە دائىرىلەرنىڭ چارىسىز قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىدەك بىر سىياسىي رېئاللىق تىلغا ئېلىنغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۆز قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتتە ئۆزىنىڭ بىر قوللۇق يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈزمۇ - يۈز كۆرۈشكەنلىكى، ۋە زامانىۋىي ئاڭنى سىڭدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە مەكتەپتە يوقىلاڭ گەپ قىلغۇچىلارنىڭ قالمىغانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئەمما بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «يوقىلاڭ سۆز» دېگەننىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇدىر مەلۇمات بەرمىگەن.
يىغىندا ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇاۋىن سېكرىتارى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى ئابابەكرى مەمتىمىن، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى چىڭ تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتۇش شەھىرىدە ئۇلار كىرمىگەن ئۆي، ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلىمىگەن ئائىلە قالمىغان. ئۇ يەنە سۆزىدە كىشىلەرنى ناخشاك ئۇسۇلغا يېتەكلەش ئارقىلىق، دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم ئاتالمىش زامانىۋىي مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتىنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇىش ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان.
يۇقىرىقى ئىككى رەھبەرنىڭ بايانلىرىدىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ئەسەبىيلىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش زامانىۋىي مەدەنىيەتنى تېڭىش، زورلاش ۋە قورقۇتۇش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يىغىندا يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە مەسىلىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە توختىلىپ، بىر قىسىم ئامما قانۇننى بىلمەيدۇ ئەمەس، بىلىدۇ، ئەمما بويسۇنمايدۇ دېگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقى ئېنىق، چۈنكى، مەزكۇر قانۇنلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن.
سوئال: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمى يىغىنىدا، خىتاي تەتقىقىقاتچى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «قىسمەن ئامما، قانۇننى بىلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى بويسۇنمايدۇ» دېگەن، سىزچە بۇ گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب: مەنچە بۇ گەپ توغرا، ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇيغۇرلار مەيلى بويسۇنۇۋاتقىنى، مەيلى بويسۇنمايۋاتقىنى بولسۇن، خىتاي قانۇنلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئۇيغۇرلار ئىشتراك قىلغان ئەمەس، بۇ قانۇنلار تۈزۈلۈشتە ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئەمەس؛ شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىنى ياقتۇرماسلىقى، ئېتىراپ قىلماسلىقى ۋە بويسۇنماسلىقى ئىنتايىن نورمال ۋە يوللۇق.
سوئال: دېمەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان قانۇنلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن باشقا رولى يوق دەيسىز؟
جاۋاب: ئاساسلىق مەقسەت شۇ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ھەق تونۇلغان قانۇنلارمۇ بار، مەسىلەن، ئاپتونومىيە قانۇنى دېگەندەك، ئەمما بۇلار قەغەز يۈزىدىكى قانۇنلار، بۇلار ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ ۋە ياكى بۇ قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قىسىملىرى ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. مەۋجۇت قانۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى جازالاش، زەئىپلەشتۈرۈش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ.
سوئال: ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دېگەن چاقىرىقىغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: خىتاي قانۇننى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ئۆزى ئەمەل قىلسا، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ۋاقىتلىق پەسەيتەلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇمۇ ھەل قىلغۇچ چارە ئەمەس. رايوندا تىنچلىقنىڭ ھەل قىلغۇچ يولى ئۇيغۇرلار ئۆز قانۇنىنى ئۆزى تۈزۈش.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاڭلىغنىڭلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ بايانلىرى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي تەتقىقاتچى گاۋ جيەنلۇڭنىڭ سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ، مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن بىرقانچە جۈملە راست گەپلەردىن بىرى» دېدى.