ئۇيغۇرلارنىڭ «قارا نوپۇس» لارنى قايتا تىزىملاش ئۇقتۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00


خىتايدا 13 مىليون كىشىنىڭ نوپۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر 9 - دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتايدىكى بارلىق قارا نوپۇسلارنى نوپۇسقا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتىن قانچىلىك خەۋىرى بار؟ ئۇيغۇرلار بۇ ئۇقتۇرۇشقا قانداق قارايدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى يېزىلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى، خەۋەر تاپقانلىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ «قارا نوپۇس» لارنى نوپۇسقا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم «قارا نوپۇستىكىلەرنى قايتا تىزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش» ئۇقتۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىككى كۈندىن بۇيان «ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرگەنلىكىنى، ئەمما تولىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» تۈپەيلىدىن پىلانسىز ھامىلىدار بولغانلارنىڭ باشقا جايلارغا كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزىلاردا «قارا نوپۇس بالىلار» نىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە «نوپۇسسىزلارنى قايتا نوپۇسقا ئېلىش» ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۆيىدە نوپۇسسىز بالىلىرى بار ئائىلىلەرنىڭ ئالدىراپ نوپۇسسىز بالىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى ناتايىنلىقىنى ئېيتتى.

ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم سوئالىمىزغا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزورلاردىكى خەۋەرلەرنى كۆرمەيدىغانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەت تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «قارا نوپۇستىكىلەرنى تىزىملاش» ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

غۇلجىدىكى مەلۇم يېزىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر دېھقان بولسا، يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەت يولغا قويغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» ئۇلارنىڭ يېزىسىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۇرۇشلۇق يېزىدا بۇ خىل «نوپۇسقا ئېلىنمىغان قارا نوپۇستىكى بالىلار» نىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدىن غۇلجا شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى، قارىماي قاتارلىق شەھەرلەرگە كۆچۈپ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان «ۋاقىتلىق نوپۇستىكى ئۇيغۇرلار» مۇ بار بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ «قارا نوپۇس» بالىلىرى بار - يوقلۇقىدىن خەۋىرى يوقلۇق ئىكەن.

نۆۋەتتە مەلۇم غەرب دۆلىتىدە ياشاۋاتقان بىر خانىم بۇلتۇر ئاقسۇنىڭ كۇچار ناھىيىسىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، بۇلتۇر 2 - ئايدا ناھىيىدە «قارا نوپۇس بالىلارنى تىزىملاپ نوپۇسقا ئالدۇرۇش» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئىشەنمىگەنلىكى، ئەمما ئۇقتۇرۇشقا ئىشىنىپ ھۆكۈمەت «پىلانسىز تۇغۇلغان» دەپ قارايدىغان بالىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغىنى ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە «ئېغىر جەرىمانە تۆلەش»، ھەتتا جەرىمانە تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن «تۈرمىدە يېتىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار» ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «قارا نوپۇس بالىلارنى نوپۇسقا ئالىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ھالەتتىمۇ، ھەقىقەتەن ئائىلىسىدە «قارا نوپۇس بالىلىرى» بارلارنىڭ، ئېھتىيات يۈزىسىدىن يەنىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن «قارا نوپۇستىكىلەرنى تىزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش» ئىشىنىڭ رايوندا يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما بىرقانچە جايدىكى ساقچى ئىدارىلىرى ۋە ساقچىخانىلارغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئالدىنقى ھەپتە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا 13 مىليون كىشىنىڭ نوپۇسى يوقلۇقىنى ئاشكارىلاپ، ئاتالمىش«قارا نوپۇسلار» نىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايدىكى «بىر پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتى» سەۋەبىدىن نوپۇسقا ئېلىنماي قالغان بالىلار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ بالىلارنىڭ باشقا بالىلاردەك مەكتەپكە بېرىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي بولغان پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.