بۇگۇن قاراماي شەھىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 15 - دىكابىر كۈنى قاراماي رايونلۇق ھۆكۈمەت، قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى،قاراماي رايونلۇق يەر - زېمىن ئىدارىسى، قاراماي رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى، تەڭرىتاغ يولى ساقچىخانىسى، ئوت ئوچۇرۇش ئىدارىسى، قاراماي رايونلۇق ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىسىدا جىددىي يىغىن چاقىرىلىپ، قاراماي رايونىدىكى غەربىي تاشلىق جىلغىسىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۆيلەرنى پۇتۇنلەي چېقىۋېتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرغان.
بىز قاراماي رايونىدىكى ئۆي چېقىۋاتقان نەق مەيداندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشلەرگە تىلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇتەللىپكە تىلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بىز يەنە ئۆيى چېقىلىۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ سوئاللىرىمىزغا ئىھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.
بىز نەق مەيداندا ئاساسلىق ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەسئۇللاردىن قاراماي رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەنىۋەر ئوبۇلنى زىيارەت قىلماقچى بولغىنىمىزدا، ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاخىرىدا بىز تىلېفوننى قايتا - قايتا قىلىش جەريانىدا، تىلېفونىمىز بىر خادىمغا ئۇلىنىپ قېلىپ، نەق مەيداندىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىدۇق.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىز ئىگىلەش داۋامىدا، قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى پۇتۇنلەي چېقىپ يوق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى، ئۆي تەگمىگەن، ئۆي ئالمىغانلارغا كېلەر يىلى ئۆي بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئۆيلىرى مەجبۇرىي چىقىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.