قاراماي شەھىرىنىڭ غەربىي تاشلىق جىلغىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولۇپ، 2009 - يىلى «5 - ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ رايون خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «خەتەرلىك رايون» دەپ قارىلىپ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئىدى.
2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭرىتاغ مەھەللە ساقچىخانىسى، شەھەرلىك ئالاھىدە ساقچى قىسمى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، شەھەر قىياپىتىنى قوغداش ئىدارىسى، ئۆي چىقىش ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن 70دىن ئارتۇق خادىم شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:00 لەردە غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۆيلەرنى شۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماستىن تۇيۇقسىز كېلى، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ قويۇپ ئاندىن ئۆيلەرنى چېقىۋەتكەن.
بىز ئۆيى چېقىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا تۆۋەندىكى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
خىتاي دائىرىلىرى تۇيۇقسىز كېلىپ، ئۆيدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى كۆچۈشكە بۇيرۇغان ئۆي ئىگىلىرى ئۆي چېقىش ئىشلىرىدىن ئالدىن خەۋەر قىلمىغانلىقىنى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بارىدىغان ھېچ يېرى يوقلىغىنى ئېيتقاندا بولسا، ئۇلارنى يۇرتلىرىغا كېتىشكە بۇيرۇغان ھەمدە ئۆيدىكى نەرسە كېرەكلىرىنى تالاغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىغان.
بۇ قېتىملىق ئۆي چېقىشتا ئۆيسىز قالغان 10نەچچە ئائىلىلىك 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆي - ماكانسىز قالغان.
قاراماي شەھىرىدىكى بۇ غەربىي تاشلىق جىلغىسىدا ھازىرقى ئۆي ئىجارىدە ئولتۇرۇۋاتقان 10نەچچە ئائىلىلىكتىن باشقا يەنە 30يىلدىن بۇيان شۇ جىلغا ئىچىگە ئۆزلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن يەر خېتى ئېلىپ ئۆي سالغان ھەمدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 300گە يېقىن ئاھالىلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كالا، قوي، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ، ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنى سېتىپ كىرىم قىلىدىغان ۋە قاراماي شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ جان بېقىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بولسا ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشلىرىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقتىن مال باقىدىغان قوتانلارنى چاقىمىز دەپ ئېيتقانلىقىنى، بۇلارنىمۇ ئاستا - ئاستا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ياشاش يولىنى كېسىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قەدەمنى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان 10نەچچە ئائىلىلىكتىن چېقىشنى باشلانغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇلار يەنە، ئۆي چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆيلىرىگە يېقىن يەردىكى باغچە تېمىغا چاپلاپ كارىۋاتلارنى قۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرەپكە ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق جايدىن تۇرالغۇ كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھازىرچە بارىدىغان جايلىرى بولمىغاچقا تالادا يېتىپ تۇرىدىغانلىقى، لېكىن بۈگۈنكى چېقىشقا قوماندانلىق قىلغان خىتاي باشلىقنىڭ ئۇلارنى يۇرتىغا كېتىشكە ئەسكەرتكىنى ئىزاھلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇلارنى قاراماي شەھىرىدىن چىقىرىۋېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆيلەرنى چېقىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلماستىن كېتىپ قالغانلىقىنى، كەچ تەرەپتە تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچىخانا مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇۋەلى ئابدۇخېلىل قول ئاستىدىكىلەر بىلەن كېلىپ، ئۆي - ماكانسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۇق.
بىز داۋاملىق بۇ ۋەقەنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.
بۇ پروگراممىنى شۋېتسىيەدىن ئېھسان تەييارلىدى.