ئۆتكەن ئاينىڭ 25-كۈنى قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا يۈز بەرگەن 6 نەپەر پىدائىينىڭ كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، خىتاي پىدائىيلاردىن 2 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن. قالغان 4 نەپىرىنى 60 مىڭ كىشىلىك ئاممىنى مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىزدەۋاتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان 4 پىدائىيدىن ئابدۇراخمان ئابدۇخېلىل بىلەن نەبىي ئەبەيدۇللانىڭ زاۋانىڭ جاي تېرەك كەنتىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، قالغان ئىككى پىدائىينىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن مەلۇمات سورىغىنىدا، ساقچىلار جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. تۈنۈگۈن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى زاۋادىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ، خىتاينىڭ يەكەن ئېلىشقۇدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدىن ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى باياناتىدا زاۋا پىدائىيلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ساھىب چىقىشقا چاقىردى.
خىتاي تەرەپ زاۋادا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئالدىنقى كۈنى زاۋادىكى ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى زاۋا پىدائىيلىرىنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق يەكەن ئېلىشقۇدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقىدەك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھاراق-شاراب ۋە ئويۇن تاماشىغا بېرىلدۈرۈش، دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويماقتا. بۇنىڭ ئەكسىچە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى مەزكۇر باياناتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەيپى -ساپادىن ئۇزاق تۇرۇشقا ۋە ھىدايەت يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلدى. تەشكىلات باياناتىدا يەنە، كىشىلەرنى زاۋا پىدائىيلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ساھىب چىقىشقا چاقىردى.
