قارىقاش پارتكوم بىناسى ھۇجۇمچىلىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.12.30
xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

مۇخبىرىمىزنىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى ساقچى ۋە ئامانلىق مۇدىرلىرىدىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن قارىقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىدىن 3 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، 4 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا قارىقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىن بولۇپ، بۇلاردىن 34 ياشلىق توختىمەمەت تۇرسۇننىياز بىلەن نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز جۈمە بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاكا-ئۇكالاردۇر؛ يەنە بىر نەپىرى جاھانباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 23 ياشلىق ئابدۇلېتىپ مەتقۇرباندۇر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قارىقاش پارتكوم بىناسى ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.