قارىقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا 19 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن تاراۋىھدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان كەنت سېكرىتارى ئائىلىسىنىڭ تاڭئاتاردىن ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى بىلەن ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، سېكرىتار رەجەپ ئىسلام، مەسچىتكە ئۈسۈپ كىرىپ، ئوقۇلۇۋاتقان تاراۋىي نامىزىنى بۆلۈپ جامائەتكە بۇيرۇق سوققان ۋە 6 نەپەر گۇماندارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، ئۇ يەنە مەسچىتتىن چىقىشنىڭ ئالدىدا، ئىمامنى دۇئانى ئۇزۇنراق ئوقۇپ، جامائەتنى مەسچىتنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرىغان. مەسچىتنى قورشاپ تۇرغان خىتاي قوراللىق قىسىملىرى سېكرىتارغا بۇ دەرىجىدە جاسارەت ئاتا قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان ۋە كېچىچە بېشىغا قويۇپ ياتقان تېررورچىلاردىن قوغدىنىش كالتىكى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى 5 نەپەر پىدائىينىڭ قاخشاتقۇچ زەربىسىدىن قوغداپ قالالمىغان.
تاراۋىدا ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى، بەلگىلىك دەرىجىدە دىن ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىسىگە ئىگە كىشىلەرنى ئويلاندۇرماي ۋە ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. سېكرىتارغا بۇنچىۋالا چوڭ جاسارەتنى بەرگەن كۈچ نېمە؟ سېكرىتار 6 نەپەر نامازخاننى جاينامازنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇپ ئاچىقىپ كەتكەندە، ئىمامنىڭ ۋە جامائەتنىڭ ئىنكاسى نېمە بولدى؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شۇ كۈنى سېكرىتار بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن كەنت ئامانلىق كادىرىدىن نەق مەيداندىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى سورىدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەنت كادىرلىرى، يېزا ئورگان كادىرلىرى، ساقچىلار ۋە ئالاھىدە ساقچىلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى، مەسچىتتە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقان 150كە يېقىن كىشىنى قورشاۋغا ئالغان. تاراۋىھ مەزگىلىدە ئاۋۋال مەسچىتنىڭ ئارقا ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىنغان، ئارقىدىن مەسچىتنىڭ دېرىزىسىدىن ئىچىگە قول چىراقلار يېقىلىپ نامازخانلار ئارىسىدىكى گۇماندارلار ئىزدەلگەن. مەسچىتنىڭ ئىچىگە ئۈسۈپ كىرگەن، ئىككى كەنت كادىرى قوللىرىغا تۇتقۇزۇلغان قارا تىزىملىكنى ئوقۇپ، 6 نەپەر گۇماندارنى مەسچىتتىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. سېكرىتار چىقىپ كېتىش چېغىدا يەنە، ئىمامغا دۇئانى ئۇزۇنراق ئوقۇپ جامائەتنى مەسچىتنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلاردەك، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پەيلىدىكى ۋەھشىلىكنى ياخشى بىلگەن ئىمام ۋە جامائەت بۇ يولسىزلۇققا ۋە زوراۋانلىققا سۈكۈت قىلغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېگىنىدەك سۈكۈت ھېچقاچان تەسلىم بولغانلىق ئەمەس، رازى بولغانلىق ئەسلا ئەمەس. شۇڭا بۇ زوراۋانلىقنىڭ جاۋابى كېچىكمىگەن. شۇ كۇنى نەق مەيداندا ئاكتىپ رول ئالغان سېكرىتار رەجەپ ئىسلامنىڭ ئائىلىسى ئارىدىن 4 سائەت ئۆتكەندە ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، سېكرىتار رەجەپ ئىسلام شۇ كۇنى تاراۋىھدىكى ۋەزىپىسىنى تولۇق ۋە ئاكتىپ ئورۇندىغاندىن كېيىن ئۆيىگە كېلىپ ئەندىشە ئىچىدە ياتقان ۋە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كالتىكىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان. بىر مەھەلدىن كېيىن ئاشخانا ئۆيىدىكى ئايالىنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى بىلەن ئويغانغان؛ ئۇ ياستۇقىنىڭ تېگىدىكى كالتىكىنى ئېلىپ ھويلىغا چىققىنىدا ئايالىنى چاناپ ئۆلتۈرۈپ بولغان ھۇجۇمچىلار سېكرىتارنىڭ ئۆزىگە ئېتىلىپ كەلگەن. سېكرىتار تاقابىل تۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما قولىغا تۇتقۇزۇلغان 50 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېزىنكا كالتەك ئىشقا يارىمىغان. ئۇ ئۆيىنىڭ كارىدورىغا قېچىپ كىرگەن ۋە كارىدورنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن ئىشىك قوشقاناتلىق بولغاچقا، ھەر ئىككى قاناتنى تەڭ يېپىشقا قادىر بولالمىغان؛ ئۇ كارىدور ئىشىكدىن چىكىنىپ ئاشخانا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن دۇمبىسى بىلەن تاقىۋالغان، ھۇجۇمچىلار ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى دېرىزىنى چېقىپ، دېرىزىدىن قول تىقىپ تۇرۇپ سېكرىتارنىڭ باش قىسىمىنى چانىغان، ئاخىرى ھالسىزلانغان سېكرىتار ئىشىكنى توسۇپ قالالمىغان. بۆسۈپ كىرگەن ھۇجۇمچىلار سېكرىتارنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىنى چاناپ ئۆلدى دەپ قارىغاندىن كېيىن مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. بىر مەھەلدىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەن سېكرىتار قان ئىچىدىن ئۆمىلەپ قوپۇپ، ياتاق ئۆيىدىن قول تېلېفونىنى ئالغان ۋە ئەھۋالنى ساقچىخانا باشلىقى ۋە يېزا باشلىقىغا مەلۇم قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر، ھۇجۇمچىلار تاراۋى نامىزىنى بۇزۇش ۋە جايناماز ئۈستىدىكى نامازخاننى تۇتقۇن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ گەرچە باش ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى، بۇيرۇقچىسى ۋە ھەقىقىي ئىجراچىلىرىغا زەربە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر شېرىكىگە، چاپارمىنىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىنى، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق داۋام قىلغانسېرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخنىكىلىق كۈچى ۋە ماھارىتىنىڭمۇ بارغانسېرى ئاشىدىغانلىقىنى، زۇلۇم سالغۇچى ۋە زۇلۇمغا يانتاياق بولغۇچىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى جازاسىنى تارتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە ۋە خىتاينى باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلماقتا.
0:00 / 0:00