خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28 - ئىيۇلدىن بېرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامى ھەمدە تۇتقۇن قىلىش زوراۋانلىقلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق چۆچۈتتى ۋە غەزەپلەندۈردى.
28 - ئىيۇلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاين ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەندە ئېلىپ بارغان، بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى نامايىش قىلىش، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش، ۋەقەدە ئۆلگەن شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ تىلاۋەت قىلىشقا ئوخشاش ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. «بىر تامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك، بۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار، ئوتتۇرىغا ئېتىلغان تەۋسىيىلەر ھەم خىتابلار چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن توغرىسىدىكى، مىللىتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى روشەن ئاشكارىلاپ بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي نۇقتىدىن زادى نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟
بىز بۇ پروگراممىمىزدا، 4 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 28 - ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى جەريانىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلاردىن قىسقىچە ئارىيەلەرنى سۇنىمىز.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 65 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەددىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، روھىنى سۇندۇرالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىش، سولاپ تۈگىتىش غايىسىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىك ۋىسالىغا يىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قانچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇجادىلە قىلىۋاتقان، گېرمانىيىنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى «تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى بولغان بىر تۈرك كىشى نۇتقىدا، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۆز دەۋاسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ تۈركلۈك، مۇسۇلمانلىق، ئەقەللىسى بىر ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەكەندىكى قەتلىئامدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە تۈرك ئالىمىنىڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
4 - ئاۋغۇست ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۇيغۇر جامائىتىگە نۇتۇق سۆزلىگەن ئەربابلاردىن بىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىدۇر. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زۇلمى بېسىقمىسا، قارشىلىقلارنىڭمۇ ھەرگىز بېسىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. گېرمانىيىدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇناپىقلارغا، ۋەتەن خائىنلىرىغا زەربە بېرىش ئىدىيىسى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولسا، چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىمۇ دۈشمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ، ئۇلارغا قارشى سۆز، ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل خاتا ئىدىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن باشقا دۈشمىنى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00