ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قارتال بازىرىدا ۋەقە چىققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئەمما ئىنكاستا ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كونكرېت بايان قىلىنمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، چارشەنبە كۈنى قارتالنىڭ دولان كەنتىدە بىر سىياسىي مەھبۇس ئۇيغۇر ياشنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئەسقەر داۋۇت ۋە قارتال بازارىنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل سېكرىتارى ئادىلجان تۇرغۇننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قارتال ساقچىلىرى ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئۇيغۇر پۇقرانى پىچاق كۆتۈرۈپ قارشلىق كۆرسەتتى دېگەن باھانە بىلەن ئېتىپ تاشلىغان.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى ئەسقەر داۋۇت، ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن جۈمە كۈنى خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە بۇ خەۋەرنى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئېچىلغان يىغىندا ئۇققانلىقىنى ئېيتتى. يىغىندا گەرچە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى بىلدۈرۈلمىسىمۇ، چارشەنبە كۈنى يەنى 29 - يانۋار كۈنى قارتال بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىر نەپەر گۇماندارنىڭ تەكشۈرۈشكە بويسۇنمىغانلىقى ۋە قولىغا پىچاق ئېلىپ ساقچىلارغا قارشلىق كۆرسەتكەنلىكى، نەتىجىدە گۇماندارنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە پۈتۈن ساقچىلار ھۇشيار بولۇشقا چاقىرىلغان.
بىز يەنە قارتال بازارلىق پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل سېكرىتارى ئادىلجان تۇرغۇننىمۇ زىيارەت قىلدى. ئۇ، ۋەقەنىڭ قارتالنىڭ 19 - كەنتى يەنى دولان كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىنىڭ ئەسلىدە سابىق بىر سىياسىي مەھبۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئادىلجان تۇرغۇنمۇ گۇماندارنىڭ ساقچىلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمىگەنلىكى ۋە ساقچىلار بېسىپ كىرگەندە پىچاق كۆتۈرۈپ قارشلىق كۆرسەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ دەسلەپتە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقارغانلىقى، ئەمما گۇماندار قارشلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.
بازاردىكى ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندا گۇماندارنى بويسۇندۇرۇش ئىمكانى تامامەن بارلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش ھوقۇقىغا ئاساسەن گۇماندارغا ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00