ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيىەسى ئويىماق يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ماناپقان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئېركىش بىلەن بېكىش بۇ يىل 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق قازاق پائالىيەتچىلەر، ماناپقاننىڭ يېقىندا قازاقىستانغا چىقىپ قايتىشىدا بىر نۇسخا قۇرئانى كەرىم كۆتۈرۈپ كىرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇمى ساقلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 ئوغلى بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن، چارشەنبە كۈنى ماناپقاننىڭ بۇرچىن ناھىيەسى ئويىماق يېزا خاتاي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايالى مىخۇانى زىيارەت قىلىپ، ماناپقان ۋە ئىككى ئوغلى ئېركىش بىلەن بېكىشنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ھازىرقى ئەھۋالىغا دائىر بەزى تەپسىلاتقا ئېرىشتۇق. مىخۇا، دەسلەپتە ئېركىش بىلەن بېكىشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى يوشۇرغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن ئۇلارنىڭ دادىسى بىلەن تەڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
بىراق ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر ماناپقان بىلەن ئىككى ئوغلى بۇ يىل 5-ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن بېرى، ئۇلارنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ باقمىغان. شۇنداقلا يەنە دائىرىلەر ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. مىخۇا، ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئادۋوكاتنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېرى ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىخۇا: ۋاي، ئەمدى سىزگە نېمە، دەپ چۈشەندۈرىمەن. نېمە بولغانلىقىنى بىزمۇ بىلمەيمىز. بىزگىمۇ ئېيتمىدى. شۇنداق قىلىپ ئولتۇردۇق.
مۇخبىر: 7 يىل كېسىۋېتىپتۇ، دەيدۇ، توغرىمى بۇ؟
مىخۇا: ياق، ياق، كىم شۇنداق دەيدۇ. ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇ توغرا ئەمەس. بۇ خەۋەرنى كىم ئېيتقان بولسا، ئىشەنمەڭ. بۇ خەۋەر يالغان. يالغان خەۋەرگە ئىشەنمەڭلار. بۇ ئۆسەك سۆز، بۇنداق ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەڭ.
مۇخبىر: ماناپقان ھازىر قەيەردە، ئالتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتامدۇ، بۆرچىندە؟
مىخۇا: بۆرچىندە، ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. مېنى كۆرۈشتۈرۈپ باقمىدى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھېچنېمىنى بىلمەيمىز. مۇقىم بىر ئۇقتۇرۇش چىققانمۇ -يوق.
مۇخبىر: ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟
مىخۇا: بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىش، بىرىنىڭ بېكىش. ئۇ ئىككىسىنىمۇ ئېكىركەتتى. ئۇنىمۇ بىلمەيمىز، نېمىشقا ئەركىركەتتى. ماناپقان ھېچنەگە ماڭمىغان. بىز بۇ يىل 1-ئايدا قازاقىستانغا چىققان ئىدۇق. مەنمۇ بىللە چىققان، بىر تۇغقىنىمىز قايتىش بولۇپ. بىز بىرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنى مۇشۇ 5-ئايدا تۇتۇپ كەتتى. ئوغۇللىرىمنىمۇ بىرگە تۇتتى.
بىز يەنە، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ماناپقان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈردۇق. يەرلىك دائىرىلەر ماناپقان ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
خاتاي كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى مۇنداق دېدى: «ماناپقان ھازىر بۇرچىندا، بىراق ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ قانچە يىل قاماققا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. مەن بۇلتۇردىن بېرى بۇ كەنتنىڭ سېكرېتارى ئەمەس.
بىز يەنە ئويىماق يېزىلىق ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلەشكەن. مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ بىر خىتاي كەچلىك نۆۋەتچىسى ماناپقان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ: «سىز قەيەردىن تېلېفون قىلىۋاتىسىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، مەن سىزنىڭ مۇخبىرلىقىڭىزنى قانداق بىلىمەن. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيمىز دېسىڭىز، سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئىزدەڭ. مېنىڭ بۇ ئىشنى سىزگە چۈشەندۈرۈشكە ھېچقانداق ھوقۇقۇم يوق» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان «تېررورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئاساسلىق نىشانىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ، قازاقلارغا نىسبەتەن كەڭ قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.
بىراق يېقىندىن بۇيان، ئۇنىڭ بەزى قازاقلارنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ تۇتقۇن قىلغانلىقى، قاماق جازالىرىغا بۇيرۇغانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال بەزى ئانالىزچىلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقلارغا قاراتقان كەڭ قوللۇق سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتامدۇ، قانداق؟ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
بىراق قازاقىستاندىكى بەزى قازاق پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلار، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئەمەسلىكىنى، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
0:00 / 0:00