قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى بىر رېستورانغا جەم بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «ماتەم كۈنى» دەپ ئاتالغان بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدى. يۈزدىن ئوشۇق ئادەم يىغىلغان مەزكۇر پائالىيەتتە كوممۇنىستىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەيىبلەندى.

ئالدى بىلەن دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئېلان قىلغان «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» ناملىق ماقالىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش يۆنىلىشىدە قىلىنىۋاتقان ئىش-پىلانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئېغىزدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەش لازىملىقىنى، قازاق تىلى ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىنىڭ بۈگۈنكى زامان تەلىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-ئۆكتەبىرنى نېمە ئۈچۈن ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ق. غوجامبەردى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىنى، تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىنى باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى سەيدالىم ئامۇتوف ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلۇمىنى تارتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1-ئۆكتەبىرنىڭ ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغىنى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى دۇرۇس. ئۇلار مۇشۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ زېمىندىكى مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى بۇزغان. ھازىر قەھرىمان ئاكا ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى: قانچىلىك بالىلىرىمىز تۈرمىلەردە چىرىپ كەتتى، ئىزسىز يىتىپ كەتتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن پاجىئە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ كۈننى دائىم ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك».

س. ئامۇتوف قازاقىستاندىكى سۆز ئەركىنلىكىدىن، دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇنداق پائالىيەتلەردە شېھىت بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش، ئۆز پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلىش، ۋەتەنداشلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكلىرىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان «تۇران دۇنياسى» فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر تەقدىرىنىڭ بىر قاتار دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاھىشلىرىنىڭ ھېسابقا ئېلىنمىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى يىراق ئۆتمۈشتىن ئىزدەش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تىبەتلىكلەرنى، قىرىم تاتارلىرىنى ۋە باشقىلارنى مىسالغا كەلتۈرگەن ھالدا، ئۇيغۇرلار بىلىشكە ھەم ساۋاق ئېلىشقا تېگىش مەسىلىلەر، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى. ك. مەخپىروف بۇ جەھەتتە بىلىملىك، يۇقىرى سەۋىيىلىك بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، چارەك ئەسىر تارىخقا ئىگە مۇستەقىل قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، مائارىپىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قازاق خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۈركچىلىك ئىدىيىدە قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى، قېرىنداشلىقى دەپ چۈشىنىش لازىملىقىنى ئىزھار قىلدى.

ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى نۇرامبەگ باراتوفنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 68 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى بېسىۋېلىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ن. باراتوف شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش لازىملىقىنى، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارتىۋاتقان دەرد-ئازابلىرىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئىزھار قىلدى.