قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيى سەھنىسىدە ئىلھام ئۈچۈن بوش ئورۇندۇق قويۇلدى

0:00 / 0:00

29-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە باشلانغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى تۆت كۈن داۋام قىلىپ 2-ئۆكتەبىردە ئاياغلاشتى.

قۇرۇلتايدا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، دىكتاتور دۆلەتلەردە تۈرمىلەرگە تاشلانغان يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە مۇخبىرلار مەسىلىسى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى. بولۇپمۇ، 23-سېنتەبىردە خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى يىغىندا ھەممىدىن كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن يازغۇچى ليۇ شاۋيەن خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ليۇ شاۋبو، ئىلھام توختى، گاۋ يۈ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزى كۆپچىلىك ۋەكىللەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بولۇپمۇ مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن باي لىڭ، لياۋ تيەنچى قاتارلىقلار كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەڭ مۆتىدىل كۆز قاراشتىكى ئالىم دەپ قارىلىۋاتقان ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىلھام توختىنى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن جازالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باي لىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
-مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا بەرگەن جازاسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇ جازادىن كېيىن ئىلھام توختى ھەقىقىي تۈردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىغا ئايلاندى. مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختىنى جەمئىيىتىمىزنىڭ پەخرى ئەزاسى دەپ تونۇشنى قارار قىلدى.

لياۋ تيەنچى خانىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-مەن خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەپ قارايمەن. چۈنكى بۈگۈنكى خىتاي، دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە يالغۇز خىتاي مىللىتىدىن بولغان يازغۇچى، مۇخبىر ۋە باشقا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەردىن 185 كىشى ھەر خىل باھانە، سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئەگەر ئۇيغۇر ھەمدە باشقا مىللەتلەردىن تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ قىينىلىۋاتقانلارنى ھېسابلايدىغان بولساق، بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.

لياۋ تيەنچى خانىم ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئىلھام توختىنىڭ ئىنتايىن مۆتىدىل كۆز قاراشتىكى بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى پىكىرلىرى تامامەن ئىلمى نەزىرىيەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ئەزەلدىن خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغان ئەمەس. گەرچە، ئۇ بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بار بولسىمۇ. ئىلھام توختى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەن بىر زىيالىي بولغاچقا، بارلىق زېھنىنى ئۇيغۇر-خىتاي مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، ئاقىۋەتتە كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي قارا نىيەتلىرىنىڭ قۇربانلىقى قىلىۋېتىلدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن تاكى يېپىلىش مۇراسىمىغىچە قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلھام توختىنىڭ سىزما رەسىمى قويۇلغان بىر ئورۇندۇق باشتىن -ئاخىرى يىغىن سەھنىسىدە تۇردى. يىغىندىن كېيىن كۆپلىگەن قاتناشقۇچىلار ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى سىزىلغان تاختىغا ئىمزا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتى.

قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، بىشكەكتىكى ئۇيغۇر «ئىرپان» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە كەچلىك زىياپەت بېرىلدى ۋە ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرى تەقدىم ئېتىلدى.