تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن، يەنى 12 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە 6 نەپەر «ھۇجۇم گۇماندارى» نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدىكى بىر سودا رايونىدا گۇمانلىق بىر كىشىنىڭ بايقالغانلىقى، ئۇنىڭ قوينىدا پارتلىتىش بۇيۇمىنى ئېلىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ھېلىقى گۇماندارنىڭ پالتا كۆتۈرۈپ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى ۋە قوينىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلاتماقچى بولغاندا نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، باشقا 5 نەپەر «ھۇجۇم گۇماندارى» نىڭ قوللىرىدىكى پارتلاتقۇچنى كۆتۈرۈپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقى، ساقچىلار بىلەن پۇقرالاردىن ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەرگەن بۇ ھەقتىكى قىسقا خەۋەردە «ھۇجۇم گۇماندارلىرى» نىڭ كىملىكى، مىللەت تەۋەلىكى ھەمدە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدا 2014 - يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى قانلىق ۋەقە شۇنداقلا 2015 - يىلى كىرىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قەشقەر رايونىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېقىنقى ھۇجۇم ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇمكى، 2014 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تارىختىكى ئەڭ قىيىن بىر يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى پەلەمپەيسىمان ئۆرلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى، دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ۋاستە تاللىماي قانلىق باستۇرۇشى تېخىمۇ يوقىرى چەككە يەتتى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى داۋاملىشىدىكەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي يوسۇندىكى قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تۇپرىقىدا تۇرۇپ ئۇچراۋاتقان مىللىي بېسىمغا دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق خەلق دۇچ كەلسە، ئۇلارنىڭمۇ تەبىئىي ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2015 - يىلىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ قانداق رەۋىشتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر پەيتتە، بۈگۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە جامائەتچىلىكنى قايتا ئويلاندۇردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 2015 - يىلىدىمۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تىنچسىز ۋەزىيەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، شېڭ شىسەي دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ياكى ھازىرقى جاڭ چۈنشيەنگە قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00