«جاپان تايمېس گېزىتى» يەكەن ھەققىدىكى خەۋەرىدە: «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شىنجاڭدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى توقۇنۇشنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇم› دەپ ئېلان قىلدى. چەتئەلدىكى سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يۈزگە يېقىنلىقىنى بىلدۈردى» دەپ بىلدۈردى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرىمۇ گېزىتتە تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، توقۇنۇش ھەققىدە خىتاي تەرەپنىڭ تا ھازىرغىچە تەپسىلىي ئۇچۇر تارقاتمىغانلىقى، ۋەقەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەشنىڭ تولىمۇ تەس بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسى ھەممىدىن كۆپ بولغان خىتاي مىللىتىنى بۇ يەرگە كۆپلەپ كۆچۈرۈۋاتىدۇ» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
گېزىتتە «خىتاي كومپارتىيىسىگە يېقىن بولغان ‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى› نىڭ خەۋىرىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يەكەندە ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان دېيىلگەن» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە: «بېيجىڭ مول يەر ئاستى بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن داۋاملىق شىكايەت قىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدىغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپى ھېسابلىنىدىغان بۇ رايوندا بىخەتەرلىك ۋە باستۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىۋاتقاندا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پارتلىتىش يۈز بەردى. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلەر دەپ قارىسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا چېگرىداش بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا كېلىپ چىقىۋاتقان بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرغانلىقىدىن ۋە شۇنداقلا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نورمال مۇئامىلىدە بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىماقتا» دېگەن.
«يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 31-ئىيۇل كۈنىدىكى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە قەشقەر شەھىرى بىلەن يەكەن ئارىسىدىكى 150 كىلومېتىرلىق يولغا ھەربىي ئاپتوموبىللار، ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار دائىم ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا، ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىلىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاپرېل، ماي ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدە پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بىر يىللىق قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
ياپون تىلىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 31-ئىيۇل سانىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى كىمجۇڭ ھى خانىم 30-ئىيۇل قەشقەرگە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن يېتىپ بارغاندا قەشقەر ئايرودرومىنىڭ ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە ئۈچ كۈن دۇكانلار تاقىلىپ،تىجارەت قىلىش توختىتىلغان. ھەتتا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭمۇ يول يۈرۈشى چەكلەنگەن.
مۇخبىر كىمجۇڭ ھىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەكەندىكى بىر مېھمانخانىنىڭ خادىمى 28-ئىيۇل ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى يەكەندە ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن كەچ سائەت 10:00 غا قەدەر قول تېلېفون، ئائىلە، ئىشخانا تېلېفونلىرى توختىتىلىپ، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭمۇ ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىر قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ پۈتۈن شەھەر قوراللانغان ساقچى، ئەسكەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ياپون تىلىدىكى«يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 31-ئىيۇل كۈنىدىكى يەكەن ئىلىشقۇدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ،«چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە شىكايەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئارىكاۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يەكەندىكى ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ چۆچۈتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سالمىسا، بۇ خىلدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ زورىيىشى مۇمكىن.