قىرغىز تەتقىقاتچى ئەسقەر يۇنۇسنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى
2018.11.02
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، قىرغىز تەتقىقاتچى ئەسقەر يۇنۇسنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ نۆۋەتچىلىك بۆلۈمىدىكى خادىمىنىڭ ئاكادېمىيىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئەسقەر يۇنۇس ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە قىرغىز تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەسقەر يۇنۇس 1969-يىلى تۇغۇلغان. 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تەقسىملەنگەن. ئۇ بۇ ئورۇندىكى 26 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىرغىز تارىخىغا مەركەزلەشكەن. ئۇ يەنە تەتقىقات ساھەسىدە «خىتاي تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى، «شىنجاڭ تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. قىرغىزلار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخچى ئەسقەر يۇنۇس ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» گە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» گە قارشى زەربە بېرىش دولقۇنىدا چەتتە قالمىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى بۇ ئاكادېمىيىدە بىرقانچىلا قىرغىز تەتقىقاتچى بارلىقىنى، بۇلاردىن ئەسقەر ئىسىملىك بىرىدىن «چاتاق» چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئەسقەرنىڭ فامىلىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كونكرېت نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئەسقەرنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا تېخى بىرنەچچە كۈن بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسقەر يۇنۇس ھازىرغا قەدەر 40 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ «جۇڭگودىكى قىرغىزلار»، «‹خەننامە› دىكى قىرغىزلارغا ئائىت تارىخىي بايانلار»، «قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان ۋە نەشر قىلدۇرغان ئىكەن. ئەمما ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى خادىم تىلغا ئالغان «مەسىلە» نىڭ ئەسقەر يۇنۇسنىڭ يۇقىرىقى كىتابلىرىدىن ۋە ياكى باشقا ئىلمىي ماقالىلىرىدىن بايقالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى يەنە ئەسقەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاكادېمىيىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەسقەرنىڭ «جىنايەت» ئىنىڭ خارەكتېرىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئەسقەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئاكادېمىيە قورۇسىدا ئولتۇرمايدىغانلىقى، ئۈرۈمچىنىڭ باشقا بىر يېرىدىكى ئولتۇراق ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
«بەيدۇ» دىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ خىزمەت داۋامىدا بەزى سەزگۈر تېمىلاردىكى تەتقىقات تۈرلىرىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، خىتاي دۆلەتلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن «19-ئەسىردىن كېيىنكى قىرغىزلار ۋە جوڭگۇ-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ ئومۇمى تارىخى» نىڭ بىر بۆلىكى بولغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى باشتىن كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى» قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. ئەسقەر يۇنۇسنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرلىرىدە خىتاينىڭ دىتىغا ياقمايدىغان بىرەر ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
بىز بۇ ھەقتە بىر مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم ئەسقەرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى چەتكە قاقمىدى. بىز ئۇنىڭدىن تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىز يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «ئەسقەر يۇنۇس» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن ئەسقەرنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن قايسىسىدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە ئاكادېمىيىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەسقەرنىڭ نۆۋەتتە قايسى لاگېر ياكى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتىمۇ پەقەتلا تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قىرغىز تەتقىقاتچى ئەسقەر يۇنۇس ھەققىدە «بەيدۇ» دىكى تونۇشتۇرۇشلاردىن ئۇنىڭ يەنە تارانچىلار ۋە چۆچەكتىكى قىرغىزلار ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئەسقەر يۇنۇسنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇرۇندىنلا نازۇك ۋە خەتەرلىك بىر ساھە بولۇپ كەلگەنلىكى، تارىخچىلارنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ھەقىقەتنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە جازالىنىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.