قىرغىز زىيالىيسى: ئىلگىرى ئۇيغۇرلارلا ئۇچرىغان زۇلۇمغا نۆۋەتتە قىرغىزلارمۇ دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ قىرغىزىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر قىرغىز ئاڭلىغۇچىمىز، بۈگۈن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، رادىيومىزدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا قازاقلارنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارلا ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قىرغىزلارنىڭمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى توغرا تاپقانلىقى بىلدۈردى.

نام ‏- شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ قىرغىز زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 2016-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇملىرى ئەۋجىگە چىققان. بولۇپمۇ، رايوندىكى دىنىي تەقىپلەرنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يۇرتى ئاقچى ناھىيەسىدىنلا ئونلىغان قىرغىزلار ناماز ئوقۇغان، دىنىي سىن كۆرگەن، ۋەز قىلغان، دىنىي كىتاب ساقلىغان دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىلەرگە ئېلىنغان.

خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، نوپۇس يۆتكەشكە ئوخشاش سىياسەتلىرى تۈپەيلى قىرغىزلارمۇ نۆۋەتتە تىل، مەدەنىيەت ھەم تارىخىدىن، يايلاق ۋە زېمىنلىرىدىن ئايرىلىش تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن، خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قىرغىزلارنىڭ نارازىلىقى ئورتاق بولسىمۇ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى ئۇلار ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرالماي كەلمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى ئاڭلاڭ.