4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش» قا ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋسترالىيەدە، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، سان-فرانسىسكو، چىكاگو ۋە خيۇستون شەھەرلىرىدە، كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا، ياپونىيەدە ۋە رۇسىيەنىڭ يېكتېرىنابۇرگ شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. نەق شۇ كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىلەن 30 غا يېقىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى قەدەم تاشلىغان ئىدى. ھالبۇكى، نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي رۇخسەت ئېلىنمىغان بولغاچقا، نامايىش باشلانماستىنلا توختىتىلىپ قويۇلدى.
1991-يىلى قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر قاتارىدا خىتايمۇ قىرغىزىستاندا ئۆز ئەلچىخانىسىنى ئېچىپ، قىرغىزىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان ئىدى. 2001-يىلى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېببىي ساھەلەردە كۈچىيىپ باردى. 2017-يىلى قىرغىزىستاندا ۋە ئۆزبېكىستاندا يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2018-يىلى ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان ۋە خىتاي ئارىلىقىدا تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلۇش پىلانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، قىرغىزىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە مەلۇم بېسىملارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بىز بۇ خىل شارائىتتا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئىدارىسىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.
مەزكۇر ئىدارىدىكى باش خادىم مېدېت تۈركمەنوف، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىلگىرى قىرغىزىستان تارىخىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار نەتىجىسىدە مالىمانچىلىقلار يۈز بەرگەنلىكىنى، نامايىش توغرىلىق چىقىرىلغان بەزى چەكلىمىلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا 55 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدە 5-ئورۇننى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئاساسسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلارغا ۋە كىچىك شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان. ئۇلارنىڭ بەزى سىياسىي پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى، مىللىي-كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چەشمەم مۇختاروۋا بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
15-مارت كۈنى دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كومىتېتى ئاۋاز قوشماقچى ئىدى، ئەمما بۇ پائالىيەت قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپتىن چەكلەندى. ئۇلار قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ نامايىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 27-ئاپرېل كۈنى يەنە خەلچەم مىرئەخەتوۋانىڭ شەخسىي تەشەببۇسكارلىقىدا 30 يېقىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۇيۇشۇپ، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ نامايىشنىڭ قانۇنسىزلىقىنى، ئۇنىڭ كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئارتىق ھاجىيېف ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى «ئىتتىپاق» بىناسىغا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش بەرگەن. بۇ سۆھبەتتە بولغان ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى رەشىدەم ئەمەتخانوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكتىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوچۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئارتىق ھاجىيېف شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ناھەق قىرغىنچىلىقلارغا، ھەقسىزلىقلارغا، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيىتىدە نە بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نە قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئەپسۇسكى، بۇ ئەھۋاللار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئازابلىدى. ئارىدا چۈشەنمەسلىكلەر ۋە بەزى گۇمانىي پىكىرلەر پەيدا بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2-ماي كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئالىي كېڭىشى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىردى. مەزكۇر يىغىندا ئەھۋالنى ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈشلەر بولۇپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە ھەر قانداق شەخس ياكى گۇرۇھلار ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىلىپ-بىلمەي ئۇيغۇر خەلقىگە زەرەر ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ياكى قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنى سادىر قىلسا، ئۇ چاغدا قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلدى.