قىرىم تاتارلىرى - شانلىق ۋە پاجىئەلىك ئۆتمۈش، ئەندىشىلىك كېلەچەك (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.03.14
ukraina-qirim-turkiye-namayish-1.JPG ئۇيغۇرلار قىرىم تاتارلىرىنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى. 2014-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان پەيدا بولغان ئۇكرائىنا كرىزىسى نەتىجىسىدە قىرىم يېرىم ئارىلى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا جۈملىدىن غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

قىرىم كرىزىسى بىلەن تەڭ قىرىمنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىي تىللىق خەلق قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە قىرىمنىڭ تارىخىمۇ مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلدى. تارىخچىلار قىرىم تاتارلىرىنىڭ تارىخى كەچمىشلىرىنى قىرىمنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېسابلايدۇ.

قىرىم تاتارلىرى كىملەر

قىرىم يېرىم ئارىلى قارا دېڭىز رايونىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى يۇقىرى جاي بولۇپ، تارىختىن بېرى قىرىم تۈرلۈك قەبىلىلەر ۋە ئىمپېرىيىلەرنىڭ تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 8 - ئەسىرلەردىن باشلاپ، قىرىمدا تۈركىي قەبىلىلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، كېيىنكى خازار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى 15 - ئەسىرگە كەلگەندە تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ قىرىم خانلىقى قۇرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ دەۋردىن باشلاپ، ھازىرقى قىرىم تاتارلىرى دەپ ئاتالغان خەلق شەكىللىنىشكە ۋە راۋاجلنىشقا باشلىغان ئىدى.

قىرىم تاتارلىرى ھازىرقى قىرىم نوپۇسىنىڭ 13 % نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلىغاندىن سىرت يەنە، ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىلىرى قىرىمنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخى جەريانى بىلەن زىچ باغلانغان.

قىرىملىق تارىخچى ئە.چۇباروفنىڭ باش تەھرىرلىكىدە نەشر قىلىنغان «قىرىم تاتارلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، قىرىم تاتارلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى قىرىم تاتارلىرى، قىرىملىقلار، قىرىملار دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ.

ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپتۇر. تۈركىيىدە ئولتۇرۇشلۇق قىرىم تاتار زىيالىيسى زەفەر قاراتاي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تىل ۋە ئۆرپ - ئادەتلەر جەھەتتىن ئۇلار قازان تاتارلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىق تەرەپلەرگە ئىگە. قىرىم تاتارلىرى دىنىي جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر.

تاتارلارنىڭ تارقىلىشى

تارقىلىش جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى، يەنى 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىرىمغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆزبېكىستاندا 90 مىڭ ئەتراپىدا، تۈركىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق ئەللەردە 24 مىڭ، بولغارىيىدە 3 مىڭ، رۇسىيىدە 4 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ياشايدۇ. تۈركىيىدىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ نوپۇسى مەسىلىسى مۇھىم بولۇپ، بىر قىسىم تاتار ۋە تۈرك تارىخچىلىرى ھەر خىل تارىخىي دەۋرلەردە 5 - 6 مىليون قىرىم تاتارىنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ تۈركلەرگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تارىخىي مۇساپىلەر

قىرىمدا قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تاۋر، سكىف، سارمات، ئالان، بولغار، گرېك، خازار، پېچېنېك، پولوۋىس، چېركەس، كىچىك ئاسىيا تۈركلىرى بولۇپ ھەر خىل تۈركىي تىللىق ۋە ياۋروپا تىللىرىدىكى خەلقلەر ياشىغان، ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى جەرياندا قەدىمكى بۇ خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھازىرقى زامان قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ، ھازىرقى زامان قىرىم تاتارلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. 13 - ئەسىردە قىرىم موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 13 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەركىپىدە بولدى. بۇ ۋاقىتلاردا قىپچاق قەبىلىلىرى قىرىمغا يېيىلغان بولۇپ، 13 - ئەسىردىن باشلاپ، ۋولگا دەريا ۋادىلىرى ۋە قىرىمدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاتارلار دەپ ئاتالدى. بولۇپمۇ سلاۋىيان خەلقلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاتارلار ياكى، موڭغۇل - تاتارلىرى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىدى.

ئالتۇن ئوردىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1441 - يىلى قىرىم تاتارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خانىنى تىكلەپ ئايرىم خانلىق قۇردى. بۇ خانلىق تارىختا قىرىم خانلىقى دەپ ئاتىلىپ دەسلەپتە دۇناي دەرياسى بىلەن دنېپىر دەرياسى ۋە ئازوف دېڭىزى رايونلىرىنى كونترول قىلدى.

1478 - يىلى، قىرىم خانلىقى رۇس - سلاۋىيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. 16 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا موسكۋا دۆلىتى قازان خانلىقى ۋە ئاستراخان خانلىقلىرىنى يوقىتىش بىلەن قىرىم خانلىقى بىلەن موسكۋا دۆلىتى ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلەشتى. بۇنىڭ بىلەن قىرىم خانلىقىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

18 - ئەسىرنىڭ بېشىدا رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قىرىمنى تالىشىشىى كۈچەيدى. 1736 - يىلى رۇسىيە قوشۇنلىرى باغچاساراينى ئىشغال قىلدى. 1783 - يىلى، رۇسىيە بىلەن ئوسمانلى ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى يېڭىلىپ، رۇسىيە قىرىمنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ، قىرىم خانلىقىنى ئۇزۇل - كېسىل يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن قىرىم خانلىقىنىڭ 3 ئەسىرگە سوزۇلغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى دۆلەتلىك ئورنىغا خاتىمە بېرىلدى.

رۇس تارىخچىلىرىدىن ۋودارسكىي قاتارلىقلار بىرلىشىپ يازغان « قىرىمنىڭ 18 - 20 - ئەسىردىكى ئاھالىسى» ناملىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، قىرىم رۇسىيە قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرىنىڭ تۈركىيىگە يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى. 19 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يېرىمىدا قىرىم يەنە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تالىشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ.، ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك قىرىم ئۇرۇشى يۈز بەردى. بۇ ئۇرۇشلار جەريانىدا تاتارلار كۆپلەپ ئوسمانلى تەۋەسىگە كۆچتى. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋاللىرى 20 - ئەسىردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.