چاغان مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارمۇ پىدائىيلىققا سەپەرۋەر قىلىنىشى نارازىلىق قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ھەرقايسى ئىدارە، مەكتەپلەردە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، نۆۋەتچىلەرنىڭ مەكتەپ، ئىدارىلەردىكى قوغداش خادىملىرى ۋە ساقچىلارغا ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى،ھەتتا تەتىلدە ئۆيلىرىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز يۇرتىدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت، مەھەللە باشقۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا خالىسانە ياردەم خىزمىتى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللانغان ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىشلىق تەتىلدىكى نۆۋەتچىلىك ۋە تەتىل قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، تەتىلدىكى«خالىسانە ياردەم» خىزمىتىنى باشلىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر ۋە ئىنكاسلار بېرىلىشكە باشلىدى.

ئۆزىنىڭ قىشلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا قايتىشى بىلەنلا ئاتا - ئانىسى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئائىلە ۋە دوستلىرىنىڭ مېھرىگە تېخى قانماي تۇرۇپلا، يۇرتىدىكى «خالىسانە ياردەم» ۋە تەتىلدىن ئىلگىرى مەكتەپ تاپشۇرغان «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش غېمىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى : «پويىزدا قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ قايتىپ كەلگىنىمگە تېخى بىر ھەپتە بولمىدى. ئەمما ئائىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، مۇھەببەتلىك سۆھبەتلەردە بولۇش، ئاپام ئەتكەن مەززىلىك تاماقلارنى ھوزۇرلىنىپ يىيىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمنى زىيارەت قىلىپ ھوزۇزرلۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ كەلگىنىمنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، ۋاقىت چىقىرىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا " خالىسانە ياردەم" دە ئىشلەشكە مەجبۇرمەن. چۈنكى ئەگەر بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىسام، تەتىلدىن قايتقاندا مەكتەپكە تاپشۇرۇشۇم كېرەك بولغان " تەتىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە قاتناشقان" دېگەن تامغا بېسىلغان قەغەزنى ئالالمايمەن»دەپ يازغان.

يۇقىرىقى يوللانمىغا قارىتا يوللانغان ئىنكاسلاردىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا نارازىلىق تۇيغۇلىرى بېرىلگەن. بىرەيلەن «ھەممىمىز ئوخشاش، بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تۈگىتىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئائىلىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ دەم ئېلىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇ خىل ئەمىر - پەرمانلارنى ئورۇنلاشقا مەجبۇرمىز» دەپ يازغان بولسا، يەنە بىرەيلەن «نەچچە يىل بولدى قىشلىق تەتىل بولسۇن ياكى يازلىق تەتىل بولسۇن مەكتىپىمىزدىن " جەمئىيەت تەكشۈرۈش جەدۋىلى" تارقىتىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن ھىچكىم چەتتە قالغىنى يوق» دەپ يازغان. بەزىلەر يەنە «جەمئىيەت تەكشۈرۈش» نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ يوللىغان بولۇپ، بىرەيلەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، «مېنىڭچە، جەمئىيەت تەكشۈرۈش باھانىسىدە يۇرتىمىزدىكى ھەل بولمايۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولىدىكەن، مەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ياردەمدە ئىشلەش جەريانىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن يۇرتىمىزدىكى پەرقلەرنىڭ زورلۇقىنى تونۇپ يەتتىم. يەرلىكتىكىلەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارغا كۆز يۇمىدىكەن، ھەتتا خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن "بۆكىنى ئەكىلىشنىڭ ئورنىغا بېشىنى ئەكىلىدىغان " ئىشلارمۇ يۈز بېرىدىكەن. بۇ ئىشلار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ» دەپ يازغان.

جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى تەتىلدە يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خالىسانە ياردەم» نامىدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە مەھەللە كومىتېتى ئىشخانىلىرىدا تەشۋىقات ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان ئەھۋالنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ناھىيىدە تەتىل مەزگىللىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەپتىلىك ھەتتا بىرەر ئايلىق «خالىسانە ياردەم» گە چاقىرىق قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىرنەچچە يىل بولغانلىقىنى بايان قىلدى.