ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىنىشى ئىنكاس قوزغىدى
2013.05.08

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلار مەجبۇرىي ھالدا مۇقىملىق پۇلى تاپشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەسلىدىلا يۈكى ئېغىر بولغان دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى سېلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بولسا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىغان.
يېقىندا بۇ ھەقتىكى نارازىلىقلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تېزلا ئۆچۈرۈۋېتىلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا قوغدىنىش پۇلى يىغىش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى خۇددى قارا گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىق پۇلى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىشىغا ئوخشاتتى.
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا مەكىت ناھىيە شېھىتدۆڭ يېزا چوڭقۇر مەھەللە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىدىن مۇقىملىق خىراجىتى يىغىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى توردا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇقتۇرۇشتا كەنت كومىتېتىنىڭ كەنتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەنتتىكى بارلىق ئاھالىلەردىن كىشى بېشىغا 50 سومدىن پۇل يىغىشنى قارار قىلغانلىقى ۋە بۇ پۇلنى ھەر بىر كىشىنىڭ 1 - ماي كۈنىگىچە تاپشۇرۇپ بولۇشى ئۇقتۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، دېھقانلاردىن قوغدىنىش پۇلى يىغىش ئەھۋالى جەنۇبتىكى يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال بولۇپ، ھەر بىر يېزا، ھەر بىر كەنتنىڭ دېھقانلاردىن يىغىدىغان پۇلىنىڭ مىقدارىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. بەزى جايلاردا 4 جانلىق بىر ئائىلىنىڭ يىلدا تۆلەيدىغان مۇقىملىق قوغدىنىش پۇلىلا 600 يۈەنگە بېرىپ يەتكەن. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2004 - ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دېھقانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ۋە پىلان سىرتىدىكى باج - سېلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىمۇ دېھقانلاردىن قالايمىقان ھەق يىغىشنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن بۇنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇش تور بەتلەردە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، پائالىيەتچى ئابدۇللا ئەھەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلار تۆلەيدىغان تۈرلۈك قانۇنسىز سېلىقلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، بۇنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە جەنۇبتىكى يېزىلاردا يۈز بېرىۋاتقان قوغدىنىش پۇلى يىغىش مەسىلسىسىگە بولغان نارازىلىق ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. ئىنكاسنى يازغان تورداشنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر جەنۇبتىكى ھەر بىر كەنت قوروسىدىكى ئامانلىق قوغداش ئۆيىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقى بويىچە 6 نەپەر خەلق ئەسكىرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك مائاشى 1500 سوم دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما بۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشى دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويۇلغان. بەزى كەنتلەردە نوپۇس بېشىغا 100 سومدىن تۆلەش تەلەپ قىلىنسا، بەزى كەنتلەردە 200 سومغا بېرىپ يەتكەن. يەنە بەزى كەنتلەر مۇقىم خەلق ئەسكىرى بېكىتىپ، دېھقانلاردىن پۇل ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنى نۆۋەت بويىچە كەنتتىكى ئامانلىق ئۆيىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش، كەلمىگەنلەر 300 - 400 سومغىچە جەرىمانە تۆلەش تۈزۈمىنى بېكىتىپ قويغان. مۇقىملىق پۇلى ياكى قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرۇشقا قارشى چىققانلارنى بولسا كادىرلار ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ياكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن تەھدىت قىلغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ئەھۋالنىڭ خۇددى قارا گۇرۇھلارنىڭ قانۇنسىز ھەق يىغىشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئەھۋال ئىنكاس قىلغان تورداشنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر كەنتتە يۇقىرىدىكىدەك 6 خەلق ئەسكىرىدىن سرت يەنە، 4 نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە بىر نەپەر شىتاتلىق ساقچى بولۇپ، جەمئىي 10 قوغدىغۇچى بار ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئادەتتە ئىش يوق، كۈن بويى قوغداش ئىشخانىسىدا بىكار ئولتۇرۇپ، كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. دېھقانلارغا مەجبۇرىي سېلىق سېلىپ، ئۇلارغا بۇ كىشىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشكە زورلاش كۈن بويى جاپالىق ئەمگەك قىلىپ تىنىم تاپماي ئاران جان بېقىۋاتقان دېھقانلارنى بىزار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نەگە بېرىپ ئەرز قىلىشىنى بىلمەي تىڭىرقاپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان.
شىۋىتسىيىدىكى ئابدۇللا ئەھەت ئەپەندى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بۇنداق ناھەقچىلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى ئەرز قىلىپمۇ ئاقتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتتە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كىشى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا ۋە كېيىن چىقىرىلغان ئالاقىدار قانۇن ماددىلىرىدا دېھقانلاردىن بۇنداق ھەق يىغىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنى تامامەن يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىگە باغلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنكاس تورغا قويۇلۇپ بىر كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا، بىز بۇ تورداشنىڭ يۇقىرىدىكى ئىنكاسلىرىنىڭ تور بەتتىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بايقىدۇق. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەرز قىلغۇدەكمۇ يېرى يوقلۇقىنى، چۈنكى خىتاي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.