مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كۈنسايىن ئېغىرلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئالدىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى ياكى ئۆزلىرى سەۋەبلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا قوغلانغان بىر قىسىم چەتئەللىكلەرمۇ يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىلىق بىر ئايال «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە تۇرغانلىقىنى، كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا قوغلانغانلىقىنى، بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ئايال رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ شۇ يەردىكى ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە خىزمەت قىلغان ئورنىنى ئاشكارىلىماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىغا دەسلەپتە بارغان چاغدىكى ھېسسىياتى ۋە ئويلىغانلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن كەمسىتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇر دىيارىغا 2015-يىللىرى بارغان ئىدىم، شۇ ۋاقلاردىلا ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان بىر توقۇنۇشنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇ بۇرۇن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىلا ياغلىق چىگەلەيدىكەن. بىراق 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگىرىپ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا گۇمان نەزىرى بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپتۇ. مەكتەپلەردە ياغلىق چىگىش چەكلىنىپتۇ.»
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2009-يىلىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مېھمانخانىلار ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى توختاتقان بولۇپ، ئەگەر قارشىلىق بىلدۈرسە مېھمانخانا خادىملىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر سالاھىيىتىدىكى ئادەم خىتاينىڭ قايسى ئۆلكىلىرىگە بارسۇن، شۇ يەردىكى مېھمانخانىلار ئۇلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىدىكەن. ئادەملەر شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تۇرالمايدىكەن. بۇمۇ بىر خىل ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش ئۇسۇلى ئىكەن. ئەمما مەن بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇلۇشىدىن قورقىدىغان بىر ھېسسىيات يوق ئىدى. ھالبۇكى، 2017-يىلى كىرىشى بىلەن ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.»
ئۇ بايانلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ قاچاندىن باشلاپ روشەن ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى دراماتىك ئۆزگىرىش 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاندى. بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى بولسا كوچىلاردىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى نەچچە ھەسسىلەندى. ئاساسەن ھەربىر كوچا دوقمۇشىدا ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› نامىدىكى ساقچىخانىلار قۇرۇلدى. مەن ساقچى پونكىتى دېگەندىن كۆرە، ‹ساقچى بوتكىسى› دېسەم بىر ئاز راھەت ھېس قىلىدىكەنمەن. ئەگەر سىز كىچىك يېزىلارغا ساياھەتكە بارسىڭىز، شۇ يەردىمۇ ئۇنداق پونكىتلارنى كۆرەلەيسىز.»
مەزكۇر چەتئەللىك ئايال ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مەكتەپتە يېتىپ قوپىدىغان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھەر ۋاخلىق تاماقتىن كېيىن ناماز ئوقۇغىلى بارىدىغانلىقىنى كۆرەتتىم. كېيىن مەكتەپتە تۇرمايدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭمۇ ناماز ئوقۇشنى توختاتقانلىقىنى بىلدىم. مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ھەققىدە نىزامى بار ئىدى، بىراق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىم بىر ئاماللارنى قىلىپ روزا تۇتاتتى. ئۇلار چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق ئېلىۋېلىپ، ياتاققا قويۇپ قوياتتى ۋە كەچتە ئىپتارلىقتا يەيتتى.»
ئۇ يەنە نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەرگەندىن كېيىن، دىنىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەم كېيىنكى مەزگىلدە شۇ ئىشلىرى سەۋەبلىك ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
ئۇ يەنە مۇندا دېدى: «2017-يىلىغا كەلگەندە ھېچكىمنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم. كېيىن بىلسەم، ئۇلار مەكتەپ تەرەپتىن چۈشلۈك تاماق يېيىشكە زورلىنىدىكەن، ئەگەر كىمكى ئۇلارنىڭ بىرەر نەرسە يېمىگەنلىكىنى كۆرسە دەرھال پاش قىلىدىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن 2017-يىلى ئەتىياز ئايلىرىدا نۇرغۇن ئادەم غايىب بولۇشقا باشلىدى. ئۇ چاغلاردا تېخى ھېچكىم ‹قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرى› دەيدىغان بىر يەرنى بىلمەيتتى. ئەمما مەن ۋە باشقىلار بۇ ئۇيغۇركەن دەپ بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولدى.»
زىيارەت داۋامىدا بىز ئۇ ئايالدىن ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئاتالمىش «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» غا ئەكېتىلگەن ياكى ئەكېتىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان لاگېرنىڭ بىر قانچە دەرىجىگە بۆلىنىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن «سەۋەنلىكى» گە قاراپ، ماس كەلگەن لاگېرغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققانلىرى بار ئىكەنتۇق. ئۇلار مەيلى قايسى دۆلەتكە چىقسۇن، ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۈندىدار ياكى باشقا يانفون دېتاللىرى ئارقىلىق كۆرۈشكەنلا بولسا ساقچىلار ئىككىنچى كۈنىلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنى ئاۋارە قىلىدىكەن. مېنىڭ بىلگىنىم ئۇنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرى يوقاپ كېتىپتۇ، بەزىلىرى كىچىك دائىرىدىكى ‹قايتا تەربىيەلەش كۇرسى› غا قاتنىشىپتۇ. ئۇ گەرچە لاگېر بولمىسىمۇ، ئۇ يەردە ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەن بىلىدىغان بەزى كىشىلەر ئەگەر مەلۇم بىر گەپنى خاتا دەپ قويغان بولسا، ئۇلار ئۇنداق سىياسىي كۇرسقا ھەسسىلەپ قاتنىشىدىكەن.»
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00