ئۇيغۇر دىيارىدىن قوغلانغان بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى (2)

0:00 / 0:00

ئالدىنقى سان پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا قوغلانغان بىر چەتئەللىك ئايالنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار، بۈگۈن شۇنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئالدى بىلەن بۇ چەتئەللىك ئايال ئۈرۈمچىدە تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ داۋاملىق خىتاي ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، قىلغان ھەر بىر ئىشىدىن ساقچىلارنىڭ ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن پۇتاق تېپىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتاي خادىملار بىزگە سېنىڭ قىلىۋاتقان مەلۇم ئىشىڭ خاتا بولۇۋاتىدۇ، دېسە، بىز دەرھال باشقىچە يول تۇتاتتۇق، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا تىرىشاتتۇق. ئەمەلىيەتتە ياخشى دىققەت قىلىدىغان بولساق، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ھېچقانداق ئىشىمىز خاتا ئەمەس، لېكىن ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشىمىز خاتا بولۇپ كۆرۈنىدۇ.»

ئۇ يەنە بىزگە خىتايدا قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن، باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ 50 كۈن توختىماي ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق ئۇدا 50 كۈن توختىماي ئىشلەشنىڭ مەقسىتى شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى يادلاش ۋە شۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ئۇنى ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىش ئىكەن.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش ‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى› نى ئۆگىنىشكە زورلىناتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى مەجبۇرىي يۇيۇلاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەندىزە پۈتۈن بىر جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. مەن ئامېرىكىغا يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭمۇ مېڭە يۇيۇلۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشكە زورلىنىپتىمەن.»

ئۇ كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە شۇنچە «گۈزەل» كۆرسەتكەن ۋەزىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر مەنزىرە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىچىدە ياشىغان ھەرقانداق ئادەم بۇنداق مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، ئەمما بۇنداق تەسىرنىڭ ئەڭ كۆپ قۇربانلىرى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەن. كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىقىنى بەلگىلەپ بېرىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە بىر مەدەنىيەتنى يوق قىلىشتۇر. بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر جىنايەت.»

مەزكۇر چەتئەللىك ئايالنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان بىر مەنزىرە خىتايلارنىڭ شۇنداق تەڭپۇڭسىزلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقارمىغانلىقى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن چەتئەللىك بولغانلىقىم ئۈچۈن بەزى خىتايلار ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ماڭا دەپ بېرىشنى خالايتتى، ئەمما خىتايلار ئۆز-ئارا ئۇنداق گەپلەرنى دېيىشمەيتتى. ئۇلار ناتوغرا مۇئامىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، بەزىلىرى مەكتەپتە ئاران تىكلىگەن نامىنىڭ بىراقلا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقاتتى.»

مەزكۇر چەتئەللىك ئايالنىڭ بىزگە يازغان خېتىدىكى ئادەمنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان نۇقتا شۇكى، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ تەسىر كۈچىگە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ قانداق بىر مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يەرلىك خەلقلەرنىڭ چەتئەللىكلەرنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشى ھۆكۈمەتنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان بىر نۇقتا» دېدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «چەتئەللىكلەر ئەركىنلىككە ئوچۇق-ئاشكارا ئىنتىلەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خرىستىئان، شەخسەن مەنمۇ شۇنداق، مەن ئۆزۈمنىڭ ئېتىقادىنى يوشۇرمايمەن. شۇڭا ھۆكۈمەت بىزنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ‹زەھەرلەپ› قويۇشىمىزدىن ئەنسىرەيدىكەن. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچۇمغا مەكتەپ خادىملىرى چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كەتمەسلىكنى تاپىلاپتۇ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى ‹زەھەرلەپ› قويىدىكەن.»

ئۇ يەنە قەشقەر شەھىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىمۇ سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قەشقەردە كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاساسەن ھەممە چەتئەللىك قوغلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. چۈنكى قەشقەردە بىرەر چەتئەللىك بىر ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالسا، ساقچىلار ئىككىنچى كۈنىلا شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇ چەتئەللىكنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورايدۇ. بۇنداق ئىش ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ.»

ئۇ ئايالنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستىنىڭ چەتئەللىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇم بار ئىدى، بىز ھەپتىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق ئېتىپ يەيتۇق، بىللە ئۆگىنىش قىلاتتۇق. كېيىن مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئايدا ئىككى قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدۇق.»

مەزكۇر چەتئەللىك ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قانداق چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆزلەپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر دىيارىغا خىزمەتكە بارغان تۇنجى يىلى چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە يول قويۇلاتتى. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئۇنى چەكلىۋەتتى. بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنمىغانلىقتىن جازالاندى. بىز خىتايلارنىڭ بىزنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇلار بىزگە نۇرغۇن قېتىم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسەڭ بولمايدۇ، دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئامالسىز توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇق.»

بۇ ئايال يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرخىل مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ جەھەتتىكى چەكلىمىلەرنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قايتىلانمىسى دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن خىتايلارنىڭ تارىخنى ياخشى بىر ئۆگىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلار ھازىر ئۆزىدىن پەرقلىق، بىلىملىك ۋە ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ھەممىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار پۈتۈن بىر مىللەتنى يوق قىلىۋاتىدۇ. تارىخقا قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› قايتىدىن تەكرارلىنىۋاتىدۇ. خىتايلار ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە تۇتۇش نەتىجىسىدە دۆلەتكە پايدىلىق تەرەپلەرنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.»

مەزكۇر ئايال ئاخىرىدا ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن يالغان سۆزلەرنى قىلىپ سالغانلىقىدىن ئىنتايىن ئۆكۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› نىڭ تور بېتىگە كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ خىتايدىكى ۋاقتىمدا نۇرغۇن يالغان گەپلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ۋە چۆچۈپ كەتتىم. ئاشۇنداق يالغانچىلىقلارنى قىلىپ يۈرگىنىمدىن بەكلا نومۇس قىلدىم.»