ئالىم سېيىتوف: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوغلىنىشى تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس....»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە. (RFA/Erkin Tarim)

0:00 / 0:00

شاڭخەيدىكى لۇشى مەسچىتى ئالدىدا يايمىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، 3 - ماي جۈمە كۈنى ساقچى، باج، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارە خادىملىرىنىڭ بازاردىن يولسىزلىق بىلەن قوغلىشىغا، يايمىلىرىنىڭ ئۇرۇپ چىقىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىرى دۇمبالاشلارغا ئۇچرىدى، ئاھانەتكە چىدىمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خورلۇققا، ئادالەتسىزلىككە، كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ۋە قوغلىنىشىغا دائىر ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ يېقىندىكىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەۋەر ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىلىپ خەلقئارالىق ئاخباراتلارغىچە يەتتى، ۋە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەرنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەمسىتىش سىياسىتى ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن قوغلىشى، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن...» دەپ مۇلاھىزە قىلدى، مۇلاھىزىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئاڭلاڭ.