ئۇيغۇر شوپۇر: «قولايلىق كارتى بىكار قىلىندى، ئەمما ئۇيغۈر يولۇچىلار يەنىلا تەكشۈرۈش ئوبىكتى»

0:00 / 0:00


2014 - يىلى 5 - ئايدىكى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدا يولغا قويۇلغان بىر يىللىق زەربە بېرىش مەزگىلىدە، پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىلا يولغا قويۇلغان «ئاممىغا قولايلىق يارىتىش كارتى» تۈزۈمى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغاپ، خەلقئارادا ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ يىل 4 - ئاي مەزگىلىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مەزكۇر كارتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى «كىشىلەرنىڭ باشقا جايلاردا ساياھەت ۋە ئىش تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىقپاقلىقى كۈچەيتىش» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. ئۇنداقتا ئاتالمىش ئاممىغا قولايلىق كارت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتلارغا چىقىشى راستىنلا قولايلاشتىمۇ؟

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇرپان ۋادىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر شوپۇر ئۆزىنىڭ يېقىندا مەلۇم ناھىيىدىكى بىر بۆلۈم ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەرگە بېرىپ كەلگەنلىكىنى، ئالدىنقى يىلى يازدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئاممىغا قولايلىق كارتى» بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ باشقا ناھىيە، ۋىلايەتلەرگە بېرىشى قولايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما سەپەر ئۈستىدە ئۇيغۇر يولوچىلارغا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ يەنىلا قاتتىقلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2014 - يىلى يۈز بەرگەن «1 - مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمى»، «30 - ئاپرىل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى»، «22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى» قاتارلىقلاردىن كېيىن، ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنى ئاپىرىش ئىشىنى بىر مەزگىل توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ كىشى، بۇ يىل 1 - ماي كۈنى «ئاممىغا قولايلىق كارتا» ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ساقچىخانىدىن تونۇشتۇرۇش قەغىزى ئېلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قەشقەرگە قىلغان سەپىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «يېقىندا 30 دەك ئۇيغۇر ساياھەتچىنى ئېلىپ قەشقەرگە بېرىپ كەلدىم. بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ قولايلىق كارتا بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن، ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەشقەرگە ئادەم ئاپىرىشىم. ھېس قىلىشىمچە، ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا ۋەزىيەت بىرئاز بوشاپتۇ. ئەمما قەشقەرگە بارغۇچە كۇچار، ئاقسۇ قاتارلىق بىرقانچە جايلاردا بىزنى ساقچىلار تەكشۈردى. ساقچىلارنىڭ يولۇچىلارغا بولغان مۇئامىلىسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن بىرئاز ياخشىلىنىپتۇ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدۇق. ئەمما تەكشۈرۈش يەنىلا قاتتىق ۋە ئىنچىكە بولدى. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈلۈپ، كىملىكى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ بىرمۇ - بىر تەكشۈرۈلدى، شوپۇرلارنىمۇ تەكشۈرىدىكەن.»

بۇ كىشى يەنە، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدىكى يولۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىپى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزى توشۇغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، يولدا تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى ئۆزى قەشقەردە كۆرگەن ئەھۋالنى بايان قىلىپ،«خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىنچىكە تەكشۈرۈشنىڭ، مەيلى يۇرتىدا بولسۇن، ياكى ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ بارغان قەشقەردە بولسۇن، يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋرىدە، 27 - ئاپرىل ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «قۇلايلىق كارتنى بىكار قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 27 تەدبىرىدىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلۇپ، «قۇلايلىق كارت يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ ئاھالىلەرگە بىر قاتار ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغانلىقى، قۇلايلىق كارت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مىللەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ۋە سىڭىشىشنىڭ قويۇقلىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئىللىيدىغانلىقى» ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

بىز دائىرىلەر «ئاممىغا قولايلىق كارت» نى بىكار قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋال ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى ساقچىخانىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئايال ساقچى، غۇلجىدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقىنى ئۈچۈن، مەزكۇر يېزا ساقچىخانىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە دوكلات قىلىشقىلا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، باشقا ئەھۋاللار ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەرنىڭ گۈلباغ ساقچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى، توردىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ ئابلىمىت ئابدۇرىشىت ئىسىملىك مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقىنىڭ قول تېلېفونىغا ئۇلاشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر بۇ ساقچىخانىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇلتۇردىن بۇيان ئاتالمىش قۇلايلىق كارت تۈزۈمىنىڭ رايوندا يالغۇز ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل مىللىي ئايرىمچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق تەكشۈرۈش - باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ،«قۇرۇلتاي ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن رايون ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىيلىكى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەنسىرەش ئىچىدە ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەر گەرچە ئۆز تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارادا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بەلگىسى دەپ قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىغان ئاتالمىش "ئاممىغا قولايلىق كارتى"نى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇستەملىكە قىلىۋېلىنغان بۇ زېمىندا ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىش ۋە رايوندا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.