ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قورغاس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس قارتا ئىشلەپچىقىرىپ تارقاتقان ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» قا قارشى سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر قارتنىڭ ئوتتۇرىسىغا رامكا سىزىلىپ، ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. بىر تەرەپكە پالتا - پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم چاناۋاتقان كۆرۈنۈش چۈشۈرۈلگەن، يەنە بىر تەرەپكە پۇت - قولىدىن زەنجىرلەنگەن دوپپا كىيگەن بىر ساقاللىق ئەر كىشىنىڭ قوراللىق ساقچىنىڭ قېشىدا تىزلىنىپ تۇرغان رەسىمى سىزىلغان.
قارتنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان.
بىز قورغاس ناھىيەلىك يەرلىك ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانا خادىملىرى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتى ھەتتا " مەدەنىيەت ئىنقىلاب " دەۋرىدىكى تەشۋىقات ئەسەبىيلىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن» دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا كىشىلەر ئوينايدىغان قارتىغا رەسىم ئىشلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى ئۇلارنىڭ سىياسىي تەرغىباتتا ئەشەددىي ھالەتكە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «مۇقىملىق» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ئاتموسفېراسىنى گېتلېر گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى ناتسىستلار بىلەن ستالىن دەۋرىدىكى رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەشۋىقات غالجىرلىقى بىلەن سېلىشتۇرما قىلدى.

جۇرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدە ئويلىيالىغانلىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى سەھنىگە چىقىرىپ ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش "مۇقىملىق" ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان تەشۋىقات ئويۇنلىرى گەرچە ئاشقۇن ھالەتكە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۆزى ئويلىغان مەقسەتكە يېتەلمىدى. پۈتكۈل رادىيو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، ئىنتېرنېت تورى ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى قولىدا تۇرۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزلىرى پىلانلىغان نۇقتىغا يېتەلمىدى، بۇ ھال ئۇلارنى "ئاشقۇن" بىر تەشۋىقاتچىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، خالاس!»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.