رابىيە قادىر خانىم« 2013 - يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» بولۇپ سايلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئاياللار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 - ماي كۈنى يىغىن چاقىرىپ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى «2013 - يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» قىلىپ سايلىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيىدىكى «خابېر تۈرك»، « ت ر ت تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى.

ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رابىيە ئىلكتۈركنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چىدىغۇسىز زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكى، بۇ خانىم قىزلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تېخىغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن شۇڭا رابىيە قادىر خانىمنى «2013 - يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» دەپ سايلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بىلەن ھەمدە سايلانغاندىن كېيىنكى ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.